تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

75 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق قاراقاش «بېيجىڭ-خوتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى» بەرپا قىلىندى

    5-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئورمانلىقىدا «ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، ئەمگەك گۈزەللىكىنى مەدھىيەلەش»«1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ھەم ئىتتىپاقلىق قۇرۇلۇشى باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

   بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۆت يۈرۈش بەنزىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر بىرلىكتە «بېيجىڭ-خوتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى»نىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئارقىدىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە «بېيجىڭ-خوتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى»دىكى 100 يىللىق ياڭاق دەرىخىگە توپا يۆلىدى، سۇ قۇيدى، بۇ، بېيجىڭ-خوتەن ئىككى جاينىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ئۈمىد يېتىلدۈرۈشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

    ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىمزا تېمىغا ئىمزا قويۇپ خاتىرە قالدۇردى ھەم «بېيجىڭ-خوتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى» دېگەن تاختا ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئارقىدىنلا ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ئورمان ئۆستۈرۈش رايونلىرىغا بېرىپ، ئۆز قولى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئورمىنىدىكى دەل-دەرەخلەرگە مەخسۇس خاتىرە تاختىسى ئاستى ھەم تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى. ئارقىدىن، كۆپچىلىك گۇرۇپپىلار بويىچە كۇتۇپخانا ۋە دۆلەت بايرىقى سارىيىنى  ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە ئۆگەندى.
   «بېيجىڭ-خوتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورمىنى» قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ تۈرگە جەمئىي 75 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەت رايونى، ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت رايونى، مەدەنىيەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرگە يەنە بېيجىڭ مەدەنىيىتى، قاراقاش مەدەنىيىتى ۋە تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى باش تېمىسىدىكى مەنزىرە دەرەخ سورتلىرى ئالاھىدە سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىندى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مول نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپلا قالماي، «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، كۈرەش قىلىش ئەڭ بەختلىك» دېگەن دەۋر روھى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش» بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بېيجىڭ-خوتەن ئىككى جاينىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش، بىر نىيەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.