تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك ۋە ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولايلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھازىر، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، نىشان ـ ۋەزىپە، ئۇسۇل ـ يول ۋە خىزمەت تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى باشلىنىش بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ، يۈننەنگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىگە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن سەككىزنى ئەۋەتىپ، 21 جاي ۋە ئورۇننىڭ ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا بۇ جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ھەم نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئەمەلىيلىشىش بىلەنلا، ئىستىل قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي جانلاندى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى تۈزەپ، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇپ بولالمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىللارنى توسۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈگىمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئۇنى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرىگە ئايلاندۇردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى»غا ئايلاندۇردى. يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئىستىل مەسىلىسى تەكرارلىنىشچانلىققا، جاھىللىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر يەنىلا پات ـ پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشى پات ـ پات باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، يوشۇرۇن ئۆزگىرىش قىلمىشلىرى يوشۇرۇن باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ كونا ئىللەتلىرى ناھايىتى چوڭقۇر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئۆزىگىلا تايىنىپ ئۈنۈملۈك ھەل قىلالىشى تەس. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا ئىچكى كۈچنىڭ قوزغىتىشىغا تايىنىش، شۇنداقلا تاشقى كۈچنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىش كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلىگەندىلا، يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە يۆنىلىش توغرا بولۇش، كۈچەش دەل جايىدا بولۇش، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، بارغان جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ ـ ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش ـ ئېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى ئىنكاس كۈچلۈك بولغان، تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بايقاپ، دەل جايىدا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە بوشىشىپ قالماسلىق، تەلتۆكۈس ھەل قىلمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە جەزمەن شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي پىكىرلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياردەم بېرىش، ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى بايقاپ، ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىپ، ئېغىشنى تۈزىتىش كېرەك. قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى تىپىك دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كېسەللىك تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر مەسىلىنى تەھلىل قىلىش»تىن «بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تور ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالىنى ئىگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراش، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىشتا تەدبىر بولۇش، ھەيدەكچىلىك كۈچلۈك بولۇش، خىزمەت ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، چوقۇم ئىستىل قۇرۇلۇشى يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچى، ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، «14 ـ بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.