تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

«1-ماي»لىق دەم ئېلىشقا ئائىت بۇ ئالتۇندەك ئۇچۇرلار سىزگىمۇ مۇناسىۋەتلىك

 دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى 

2025-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا

5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە

جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ

 بېكىتىلدى! داۋاملىق ھەقسىز 

 شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچىلار پويىزىدىن 393نى كۆپەيتىپ سېلىشنى پىلانلىدى 

   مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بۇ يىلقى «1-ماي»لىق توشۇش مەزگىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن بولىدىكەن. تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسىپورت خەرىتىسىدە بېكىتىلگەن يولۇچىلار پويىزى ئاساسىدا، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 393نى كۆپەيتىپ سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇشنى پىلانلىغان.

   تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىلقى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى ساياھەت، تۇغقان يوقلاش، ئىشقا بېرىش-كېلىش سەپىرىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا يولۇچىلار ئېقىمى مەركەزلىك كۆپ بولىدىكەن. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «تىيانشان قار لەيلىسى» يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى داڭلىق ماركىسىنى سىجىل يارىتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يولۇچى ۋە يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھازىرقى بار پويىزلاردىن ھەم لىنىيە بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، توشۇش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پويىزنى ياخشى ھەيدەپ، بېلەتنى ياخشى سېتىپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، پىلاندا جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە 178 پويىز، شىمالىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە 185 پويىز، شەرقىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە 30 پويىز كۆپەيتىپ سېلىنىدىكەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ مائاشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىشقا بولىدۇ

   «مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 7-ماددىسىغا ئاساسەن، مائاش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى ئادەتتىكى ئارام كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىن خىزمەت كۈنىدە مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىلىشى كېرەك. مائاش ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلارغا ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك مائاش بېرىلسە بولىدۇ.

   دىققەت: مائاشنى نېسى قالدۇرمىسىلا قانۇنغا خىلاپ بولمايدۇ. ئەگەر مائاش بېرىلىدىغان كۈن دەل بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەڭ يېقىن خىزمەت كۈنىدە ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىشى كېرەك.

   ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئايلىق مائاش بېرىش كۈنى شۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن شۇ ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغانلىرى مائاشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بەرسە بولىدۇ. نۇرغۇن ئورۇنلار ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن مائاش تارقىتىدۇ، بۇ «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىلا مۇددەتتىن بۇرۇن مائاش بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ 

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى مۇنداق ھېسابلىنىدۇ

↓↓↓

5-ئاينىڭ 1-كۈنى، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنى):

ئۈچ ھەسسە × ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كۈن سانى × كۈنلۈك ئىش ھەققى    

5-ئاينىڭ 3-كۈنى، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى):

ئەگەر تولۇقلاپ دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا ____

ئىككى ھەسسە × ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش كۈن سانى × كۈنلۈك ئىش ھەققى   

شىمالىي شىنجاڭدا بوران-چاپقۇن، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆپ بولىدۇ

   مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، «1ـ ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدا بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆپ بولىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئامما ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قارا يامغۇر، كەلكۈن، گېئوئاپەت ۋە قۇم-بوراننىڭ ساياھەت، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ>>>

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.