تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇ ئىككى خىل ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسىڭىز، چوڭ مېڭىڭىزنى مەڭگۈلۈك زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن

  سىز ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىسىز

  پىۋا، ئاق ھاراق، قەھۋە، سۈت، شۆبى، كولا ئىچسىڭىز

  بەك خۇشال بولۇسىز، شۇنداقمۇ؟

  بىر كۈنى سىزدە تۇيۇقسىز

  ئىككى خىل ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتەك غەلىتە خىيال پەيدا بولدى

  ئەگەر مەن بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسەم

  قوش خۇشاللىققا ئېرىشمەمدىمەن؟

  خوشال بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم

  لېكىن سىز ئىككى خىل ئىچىملىكنى ئىچىپ بولۇپ كېيىنكى سېكۇنت ئىچىدە ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

  بۇ ئىككى خىل ئىچىملىكنى

  ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەڭ!!!

  01 ھاراق + ئېنېرگىيە ئىچىملىكى

  (نادىر گۇرۇپپا: ئاق ھاراق + خۇڭنيۇ)

  بۇ ئىككى ئىچىملىك تەركىبىدە بەزى ئالاھىدە تەركىبلەر بار.

  ئىسىم فامىلىسى: ھاراق

  تەركىبى: ئېتانول

  ئىسىم - فامىلىسى: ئېنېرگىيە ئىچىملىكى

  تەركىبى: كوففېئىن، تائۇرىن

  ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن كېيىن

  ئېنېرگىيە ئىچىملىكى ئالدى بىلەن تەركىبىدىكى كوففېئىن، تائۇرىندىن پايدىلىنىپ

  چوڭ مېڭىنى قايمۇقتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچاش تۇيغۇسىنى ۋاقتىنچە تىزگىنلەيدۇ.

  چوڭ مېڭە «ئۆزىنى قايتىدىن جانلانغاندەك» ھېس قىلىدۇ-دە

  بەدىنىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئىسپىرت قوبۇل قىلىۋالىسىز

  دىققەت قىلمىسىڭىزلا ھاراقنى كۆپ ئىچىۋىلىپ

  بەدىنىڭىز ئادەتتىكىدىنمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  تەجرىبىدىن بايقىلىشىچە،

  ئېنېرگىيە ئىچىملىكى بىلەن ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندىن كېيىن

  «مېڭە مەنبەلىك نېرۋا ئوزۇقلۇق فاكتورى سەۋىيەسى» كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

  چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا

  چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، تونۇشى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل زىيان ئىزچىل داۋاملاشسا

  بەلكىم مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  02 قەھۋە + ئېنېرگىيە ئىچىملىكى

  (نادىر گۇرۇپپا: قەھۋە + خۇڭنيۇ)

  بۇ ئىككى ئىچىملىكتە

  ئىنتايىن كۈچلۈك تەركىبلەر بار

  ئىسىم فامىلىسى: قەھۋە

  تەركىبى: كوففېئىن

  ئىسىم - فامىلىسى: ئېنېرگىيە ئىچىملىكى

  تەركىبى: كوففېئىن، تائۇرىن

  مەسىلەن، مەلۇم ئېنېرگىيە ئىچىملىكىنىڭ (ھەر قۇتىسى 473ml)

  تەركىبىدە 160mg كوففېئىن بار.

  ئۇ ئىككىسى بىرلەشسە

  بەدىنىڭىز قوبۇل قىلغان كوففېئىن مىقدارى 387mgغا يىتىپ

  بىۋاسىتە بىخەتەرلىك چېكىگە بېرىپ قالىسىز!

  كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ بىخەتەرلىك چېكى.

  چوڭلارنىڭ ھەر كۈنى كوففېئىن قوبۇل قىلىش مىقدارى 400 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى

    بىر قېتىملىق قوبۇل قىلىش مىقدارى 200 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئاسانلا

  يۈرەك تېز سېلىش، قان بېسىم ئۆرلەش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ.

  3. ھاراق + گازلىق ئىچىملىك

  (نادىر گۇرۇپپا: ئاق ھاراق + كولا)

  بۇ ئىككى ئىچىملىك

  بىر-بىرىنى ياخشى تولۇقلايدۇ

  ئىسىم-فامىلىسى: گازلىق ئىچىملىك

  تەركىبى: كاربون (Ⅳ) ئوكسىد

  ئىسىم فامىلىسى: ھاراق

  تەركىبى: ئېتانول

  گازلىق ئىچىملىك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولۇپ

  ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازاننى تېز سۈرئەتتە كۆپتۈرىدۇ

  بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان ئىسپىرتنى

  تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈپ، ئىنچىكە ئۈچەيگە تېخىمۇ تېز كىرىدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن

  تېخىمۇ تېز مەست بولىسىز، ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ!

  نوقۇل ھالدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى

  ھاراققا گازلىق ئىچىملىكلەرنى قوشۇپ ئىچكەندىن كېيىن قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى

  بۇلا ئەمەس، ئىسپىرت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە

  گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

  ​كۆپ مىقداردىكى كۆپۈكچە ئاشقازاننى

  كۆپتۈرىدۇ ھەم ئاغرىتىدۇ!

  شۇڭا

  كۆپچىلىك ئىچىملىك ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى

  ھەر قېتىم پەقەت بىر خىلنى تاللاپ ئىچىش، ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەسلىك كېرەك

  ھەقىقەتەن بەك ئىچكۈڭىز بولسا

  بىر خىلنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىككى سائەت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن يەنە بىر خىلنى ئىچىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.