4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن «ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش رامكا كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۈچەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 143-ئوتتۇرا مەكتەپ(تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ۋاڭگۇ يولى مەكتەپ رايونى)نى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە 12 يىللىق ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپ ھەم «ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ۋاڭگۇ يولى مەكتەپ رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ 2025-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ 2027-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش نەق مەيدانى.
چېن لۇڭ فوتوسى
بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 143-ئوتتۇرا مەكتەپ، 139-باشلانغۇچ مەكتەپ(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)، 66-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 124-باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت مەكتەپ قۇرۇلدى، 4000دىن ئارتۇق ئوقۇش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ھازىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 3141گە يەتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى