4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خوشۇت ناھىيەسىدىكى لۇڭجۈ سۇلۇق يېرىنىڭ باھار مەنزىرىسى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل ئىدى. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقانىدى، سۇ دولقۇنلىرى جىمىرلاپ تۇراتتى، ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلارمۇ بارا-بارا بولۇق ۋە ياپيېشىل ئۆسۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر باھارنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا بارغانسېرى بۈك-باراقسانلاشقانىدى. ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە، تۈرلۈك پەسىل قۇشلىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىدۇ، قۇشلار سۇلۇق يەردە بوينىنى سوزۇپ شوخ سايراپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئوينىشىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ. پۈتكۈل سۇلۇق يەر خۇددى ئاستا-ئاستا يېيىلغان سىياھ رەسىمگە ئوخشاش باھار كۈنلىرىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.
خوشۇت ناھىيەسىدىكى لۇڭجۈ سۇلۇق يېرى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، سۇلۇق يەر كۆلىمى 1400 گېكتاردىن ئاشىدۇ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تەبىئىي ھالەت ۋە جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قومۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بىيولوگىيەلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق، لۇڭجۈ سۇلۇق يېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.






(خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جيايا باتۇ)