تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بىڭتۇەن 60 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، دالىدا قونۇش كاتتا مەرىكىسى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى قاتارلىق 60 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بىڭتۇەندە قانغۇچە سەيلە-ساياھەت قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.

يېقىندا، شىخەنزە جياڭجۈن تېغى لياۋجياڭ ئېكولوگىيە باغچىسىدا جىيىڭخۇا گۈلى بەس-بەستە ئېچىلىپ، تاغ-دالىلارنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

سۈرەت \ شىخەنزە مەدەنىيەت-ساياھەت ساداسى(石河子文旅之声)دىن ئېلىندى

     «5-شى شۇاڭخې شەھىرىگە بېرىپ ئارشاڭغا چۈشۈش، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ كۈركۈم گۈلىنى تاماشا قىلىش، 13-شى شىنشىڭ شەھىرىگە بېرىپ قۇملۇق مۇزىكا كېچىلىكىنى ئاڭلاش... بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشتا بىڭتۇەن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىڭتۇەنگە سەيلە-ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ». بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياڭ خۇڭيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر ئىستېمال يېڭى ھالىتى بەرپا قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى خۇشال قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرنى يولغا قويۇپ، دەم ئېلىش كۈنىدە مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۇەن مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنى گۈزەل دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات يارىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، يۇغۇرما، مول مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خۇشال قىلىش، ساياھەت ئىستېمالى تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش، ياتاق، تاماق، ئىشىك بېلىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشكە ئالاقىدار «ساياھەتچىلەرنى شى، شەھەرگە جەلپ قىلىش» بويىچە ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىمۇ داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.