− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل». جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1925 - يىلى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنى پارتىيەنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۆچمەس تۆھپە ياراتتى. مىسلىسىز جاپالىق ئىنقىلاب يىللىرىدا «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇش مەزگىلىدە داچىڭ نېفىتلىكى، قىزىل بايراق ئۆستىڭى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» قاتارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات چوڭ دولقۇنىدا چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى، سەنشيا توسمىسى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قاتارلىق ئەسىر قۇرۇلۇشىنى قۇرۇپ چىقتى... تارىخىي مۇساپىدىكى ھەربىر ھالقىشقا يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىجادىيىتى مۇجەسسەملەنگەن.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن دۇنيادا 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1 - چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1 - چوڭ مال سودىسى دۆلىتى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇشقىچە؛ «شېنجوۋ»نىڭ ئاسماندا پەرۋەز قىلىشى، «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، «تيەنۋېن»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشىدىن ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 13 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگىچە... ھەيۋەتلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جىددىي ئېقىنىدا جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس جەسۇرانە قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى پۈتمەكتە.
يۈز يىللىق ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخى − دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىرادىدىن قەتئىي يانماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان تارىخ. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ «تۆتتە مۇناسىپ» ۋە دۆلىتىمىز ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «ئۈچتە مۇناسىپ» ئىكەنلىكىدەك مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىرىپ، «دەۋر شارائىتى ۋە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، دۆلىتىمىز ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە فۇنكسىيەسىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ» دېگەن ئېنىق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزدە، يۈز يىللىق ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىدىن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ مەنىۋى كۈچىنى قوبۇل قىلىشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
«100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدۇر.» تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق مۇپەسسەل يىغىنچاقلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر پارتىيەمىزنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ يولدا چىڭ تۇرۇشتا، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى «پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھازىر، ئالدىمىزدا ھەم چەكسىز پارلاق، شانلىق ئىستىقبال بار، ھەم بوران - چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرى بار. بۇرچ قانچە شەرەپلىك، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەممىنى يېڭىدىغان، ھەممە ئىشتا غەلىبە قازىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇش - نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، «نوپۇس پايدىسى»نى «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»غا ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئاتلىنىشى كېرەك.
سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يارىتىلغان. ئىلگىرىگە نەزەر سالساق، دەل يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچى ئامما جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغۇسىز قىياپەتتە ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قايناق ئەمەلىيىتىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشايلى، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)