تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپ مەرۋايىتگۈلى دۆلەت ئېتىراپىغا ئېرىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋلاردا بازار تاپتى

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىققا تايىنىپ، قۇملۇق، چۆللۈكنى يېزا ئىگىلىك بازىسىغا ئايلاندۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە مەرۋايىتگۈل ئۆستۈرۈش لوپنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسى ۋە مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، لوپ مەرۋايىتگۈلى پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

      لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى باش سوغاققۇم كەنتىدىكى پارنىك بازىسىدا، ھەر بىر تۈپ مەرۋايىتگۈلنىڭ  ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ بازىدا 100 پارنىك بار بولۇپ، ھەممىسىدە مەرۋايىتگۈل ئۆستۈرۈلىدۇ، بىر پارنىكنىڭ يىللىق ھوسۇلى بىر توننىدىن ئاشىدۇ. بازا مەسئۇلى سۈن فېيفېي مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، مەرۋايىتگۈلنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەتتا بىۋاسىتە خام يېگىلى بولىدىغان بولدى، تەمى تاتلىق بولۇپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى».

    مەرۋايىتگۈل «كۆكتات شاھى»دەپ ئاتىلىدۇ، تەركىبىدە مول ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، ئىستېمال قىلىش، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، ئېھتىياج زور. 2023-يىلى، لوپ مەرۋايىتگۈلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتۈپ ھەم مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، داڭلىق ماركا قىممىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە، لوپ مەرۋايىتگۈلى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ، بازاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.

     مەرۋايىتگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولدى. بۇ بازا يىل بويى 20 مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلىتىدىغان ئادەم 50كە يېتىدۇ. كەنت ئاھالىسى ھەبىبە ئىمىننىياز مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىشلىسەم پۇل تاپالايمەن ھەم ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ناھايىتى قولايلىق».

   

    نۆۋەتتە، لوپ ناھىيەسىدە 2549 پارنىك قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پارنىكلاردا تۈرلۈك كۆكتات، مېۋىلەر تېرىلىدۇ. لوپ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئاگرونومى ليۇ چاڭجو مۇنداق دېدى: «بىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پارنىك كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز».

​   (لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى زېڭ رۇي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.