46 سېكۇنت 15 دەقىقە، ئەلشىر ئۆمەر بۇ يىلقى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.
4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسى شيامېن بېكىتى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، يارىسى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەن ئەلىشىر بۇ يىل تۇنجى قېتىم زال سىرتى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا ماھارىتىنى ياخشى نامايان قىلدى. مۇسابىقىدە، بوتسىۋانا ماھىرى ئېندولى 44 سېكۇنت 25 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ چېمپىيون بولدى، ئەلىشىر 46 سېكۇنت 15 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن توققۇزىنچى ئورۇندا تۇردى، بۇمۇ بۇ يىل جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو ماھىرى ئەلىشىر ئۆمەر دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسى شيامېن بېكىتى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 46 سېكۇنت 15 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن توققۇزىنچى ئورۇندا تۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مىڭ فوتوسى
دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كىيىنلا تۇرىدىغان دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى چوڭ مۇسابىقە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 20-ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىرلارلا مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 50 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 173 نەپەر يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى 16 تۈردە مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 ماھىر دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى، 19 ماھىر ئولىمپىك چېمپىيونى، 27 ماھىر دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى.
2024-يىلى 3-ئايدا، ئەلىشىر 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرلىق زال ئىچى مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئارقىدىن يەنە 45 سېكونت 53 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ زال سىرتى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى يېڭىلىغان. بۇ، يەتتە يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ۋە شىنجاڭنىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىكى يېڭى رېكورت ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇدا ئەلا نەتىجە ياراتقان ئەلىشىرنىڭ نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى، مەشىقنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، يىراقنى كۆزلەپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، بۇلتۇرقى مەشىقتە ئاساسىي تېخنىكىلىق ھالقىلارنى ئەلالاشتۇرۇش مەشىقىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

ئەلشىر. سۈرەت شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىندى
بۇ يىل 3-ئايدا، ئەلىشىر نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدىكى مەشىقتە مۇسكۇلى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدا، ئەلىشىر ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا تۇردى.
بۇ قېتىمقى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، ئاسىيا ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى ئەلىشىر ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشتى.
«بەك ھاياجانلاندىم، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن، ئەمما ئۆزۈمنىڭ رېتىمى بويىچە يۈگۈرەيمەن،» ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 45 سېكونت ئىچىدە بولغان نۇرغۇن دۇنيا ماھىرلىرى ئالدىدا، ئەلىشىر مۇسابىقىدىن بۇرۇن قاتتىق ھاياجانلاندى.
مۇسابىقىدىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ رولىنى ئالغان 16 ياشلىق جۇڭگولۇق ئايال ئۇچار ئادەم چېن جيېنىڭ زىيارىتىگە قارىتا، ئەلشىر چاقچاق قىلىپ: «مېنىڭچە، بۇ مۇسابىقىدە مەن دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىيالايمەن، 43 سېكۇنتتا مەنمۇ يۈگۈرەلەيمەن» دېدى.
دۇنيا يېنىك ئاتلىتىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسى شيامېن بېكىتى مۇسابىقىسىدە 46 سېكۇنت 15 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەلىشىر مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ، بۇ يىل مەن قاتناشقان تۇنجى مەيدان زال سىرتى مۇسابىقىسى، ئىلگىرىكى يارام ئاساسەن ساقايدى، بۇ يىل يەنە نۇرغۇن مۇھىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋەزىپەم بار، ھالىتىمنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى