تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇشۇ بېرىشىمدا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان بىر تال ئۇرۇق بولۇشنى خالايمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چېن مىڭيى ئەينى چاغدا يېشىل رەڭلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ شەندۇڭ لياۋچېڭدىن شىنجاڭ تارباغاتايغا ماڭغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: پويىز دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغاندا كۆرۈنىدىغان چۆللۈكتە ئىسسىق دولقۇندىكى سېرىق قۇملار توختىماي كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەندە، ئۆزۈم تولدۇرغان ئاشۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملىتىش جەدۋىلىنى ئەسكە ئالدىم، ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى چاغدا كۈندىلىك خاتىرەمگە: «مۇشۇ بېرىشىمدا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان بىر تال ئۇرۇق بولۇشنى خالايمەن» دەپ يازغانىدىم.

شۇ چاغدا چېن مىڭيى بۇ قېتىمقى غەربىي قىسىم سەپىرىنىڭ 20 يىلدىن كۆپرەك چىڭ تۇرۇشقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. تەجرىبىسى يوق مائارىپقا ياردەم بېرىش پىدائىيسى بولۇشتىن مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغۇچە، دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىدىكى ئوقۇغۇچىدىن تىيانشان ئېتىكىدىكى ئوقۇتقۇچى بولغۇچە، چېن مىڭيى ياشلىق باھارى ئارقىلىق «شىنجاڭدا بىر ئۆمۈر يىلتىز تارتىش»تىن ئىبارەت قىزغىن قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

لياۋچېڭ داشۆدىكى ۋاقتىدا، چېن مىڭيى ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزەرىدىكى ھەممىگە قابىل ئوقۇغۇچى ئىدى: ئۇدا ئۈچ يىل 1 ـ دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى، يەنە كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئۆلكە دەرىجىلىك جەمئىيەت ئەمەلىيىتى ئالتۇن مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى. 2004 ـ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەسلىدە، ساۋاقداشلىرى چوڭ شەھەرلەرگە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، ئۇ نەزەرىنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى شىنجاڭ تارباغاتايغا قاراتتى.

«ياشلار دۇنيانىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.» چېن مىڭيى شۆيۈەن پارتىيە باش ياچېيكىسى شۇجىسىنىڭ ئايرىلىش ئالدىدا قىلغان خوشلىشىش سۆزىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا مەن شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىكەن، مېنىڭ ئوقۇغۇنۇم ماتېماتىكا مائارىپى كەسپى، بەلكىم ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم».

چۆچەك شەھەرلىك 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە، چېن مىڭيى ئىككى سىنىپقا دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئاساسىنىڭ ناچارلىقىنى بايقىدى. تۇنجى قېتىملىق ئايلىق ئىمتىھاندا، سىنىپنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئۇ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بۇلۇڭىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، شۆيۈەن پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىغا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «جاڭ شۇجى، مەن ئانا مەكتىپىمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قويىدىغان ئوخشايمەن...»

«ئەينى يىلى سىز مەكتەپ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يولغا چىققان ئىدىڭىز، ھازىر مۇشۇنچىلىك قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ؟» تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن تونۇش شەندۇڭ تەلەپپۇزى ئاڭلاندى، جاڭ شۇجىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى قايتىدىن ئۇرغۇتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇ ھەر كۈنى ئوقۇتۇش بىناسىدا تۇردى، كۈندۈزى دەرس تەييارلاپ تاپشۇرۇق تەكشۈرسە، كەچتە ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تولۇقلاپ بەردى.

ئۈچ يىلدىن كېيىن، مۆجىزە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى يۈزبەردى: ئىلگىرى ناچار سىنىپ دەپ قارالغان بۇ ئىككى سىنىپتىكىلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتتى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ سىفەن داشۆ، جۇڭنەن داشۆ قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتتى. چېن مىڭيى نەتىجىنى دوكلات قىلغاندا، جاڭ شۇجى ماختاپ: «يارايسىز!» دېدى.

مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، چېن مىڭيىنىڭ ئىشخانىسى مەكتەپتىكى چىرىغى ئەڭ كېيىن ئۆچىدىغان جايغا ئايلاندى. كەچلىك مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار دائىم كۆنۈكمە توپلىمىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىدۇ. چېن مىڭيىنىڭ خوتۇنى ئاغرىنىپ مۇنداق دېدى: «ئوغلىمىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى، ئاتا ـ ئانىلار يىغىنىغا سىز پەقەت بىر قېتىملا قاتنىشىپ باقتىڭىز، لېكىن ھەربىر ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئەھۋالى ئېسىڭىزدە ئېنىق ساقلاقلىق».

چېن مىڭيى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. 2012 ـ يىلى قىش كېچىسى، ئوقۇغۇچىسى لياڭ رۇڭبىن تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى، چېن مىڭيى ئۇنى يۈدۈگىنىچە ئۈچ كىلومېتىر يۈگۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى؛ ئوقۇغۇچىسى جياڭ جىشياڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى، يەنە مەكتەپداشلىرىنى كۈچ ئۇلاپ يار ـ يۆلەك بولۇشقا سەپەرۋەر قىلدى؛ بەزى ئوقۇغۇچىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا، ئۇ ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ نەسىھەت قىلدى؛ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم بېيجىڭ، شەندۇڭغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى چېگرا رايوندىكى دەرسخانىغا ئېلىپ كەلدى.

گەرچە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جۇڭگو ياش پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرى مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مۇكاپات، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇتۇش ماھىرى قاتارلىق 20دىن ئارتۇق شان ـ شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما چېن مىڭيى ئەزەلدىن ئۆز ـ ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ باقمىدى. ئىش ئۈستىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر دۆۋە تاپشۇرۇقى بار، يان تېلېفونىدا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ نومۇرى ساقلاقلىق، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر تال قىسقا ئۇچۇر بۇ تەقدىرنامە ۋە گۇۋاھنامىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىممەتلىك».

بۈگۈنكى كۈندە، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن مىڭيى يەنىلا ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە، ئۇ دائىم ياش ئوقۇتقۇچىلارغا مۇنداق تاپىلايدۇ: «چېگرا رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىش».

20 نەچچە يىل ۋاقىت بىر تال ئۇرۇقنى كۆككە تاقاشقان دەرەخكە ئايلاندۇرۇشقا يېتىدۇ. چېن مىڭيى نۇرغۇن قېتىم تەنتەربىيە مەيدانىدىكى كۈلكە ـ چاقچاق قىلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ، ئۆزىنىڭ غەربكە ماڭغان پويىزدىكى چاغلىرىنى قايتا ـ قايتا ئەسكە ئالدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ قايتا قەسەم بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى، بۇ بۈك ـ باراقسان مەكتەپ ھويلىسى بۇرۇنلا ئۇنىڭ جاۋابلىرى بىلەن تولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.