دائىم گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىدىغان دوستلارنىڭ
بەزىلىرى دېرىزە يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ
بەزىلىرى كارىدور يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ
ئىنچىكە دوستلار بەلكىم شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىنكى
گاۋتيېدا E ئورۇن يوق!
بۈگۈن بىز
گاۋتيېدىكى ئورۇنلارغا ئائىت
ئىشلارنى چوڭقۇر قېزىپ باقايلى
شۇندىلا، سىز ئورۇن تاللاشتا ئېزىپ قالمايسىز
گاۋتيېدا ئورۇن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟
1. ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن ئادەتتە «2 + 3» شەكلىدە تىزىلىدۇ
سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە A ،B ،C ،D ،F
A بىلەن F دېرىزە تەرەپتە ،C بىلەن D كارىدور تەرەپتە
B ئورۇن A بىلەن C ئورۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ
ئوڭ، سول ئىككى تەرەپتە بىردىن ئورۇن بار

2. بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇن

بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇن ئادەتتە «2 + 2» شەكلىدە تىزىلىدۇ
سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە A ،C ،D ،F بولۇپ
A بىلەن F دېرىزە تەرەپتە ،C بىلەن D كارىدور تەرەپتە
ئوتتۇرىدا ئورۇن يوق

3. ئالىي دەرىجىلىك ئورۇن

ئالىي دەرىجىلىك ئورۇن ئادەتتە «2 + 1» ياكى «1 + 1» شەكلىدە تىزىلىدۇ
سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە A ،C ،F ياكى A ،F بولىدۇ
A بىلەن F دېرىزە تەرەپتە ،C كارىدور تەرەپتە بولۇپ
ئورۇن بىرقەدەر ئازادە بولىدۇ

گاۋتيې پويىزىدا نېمە ئۈچۈن «E» ئورۇن يوق؟
مەيلى بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن بولسۇن ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئورۇن بولسۇن
ھەممىسىدە E ئورۇن يوق
بەزى دوستلار ئىختىيارسىز ھالدا
گاۋتيېدىكى E ئورۇن نەگە كەتتى؟ دەپ سورايدۇ
بۇنى ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ

دەسلەپكى ئايروپىلانلار كۆپىنچە تاق ئۆتۈشمە يوللۇق بولۇپ
ھەر بىر رەتتە ئالتە ئورۇندۇق بار ئىدى
ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا A ،B ،C ،D ،E ،F بولۇپ
A ،F ئورۇن دېرىزە تەرەپتە
C ،D ئورۇن كارىدور تەرەپتە
B ،E ئورۇن ئوتتۇرىدا ئىدى
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى
Aدىن Fقىچە بۇ ئالتە ھەرپ شەكىللىنىپ
ئالاھىدە خەلقئارا ئادەت بويىچە
A/F دېرىزە يېنىدىكى ئورۇن
C/D كارىدورغا يېقىن ئورۇن بولدى

گاۋتيېنى خەلقئارا بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن
بۇ خىل خەلقئارادا ئادەتلەنگەن ئۇسۇل داۋاملاشتۇرۇلدى
گاۋتيېدا بىر رەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئورۇن بولۇپ
دېرىزە ياكى كارىدور تەرەپتىكى ئالاھىدە ئورۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەرپلەر ساقلاپ قېلىندى
چوڭ ھەرپتىن باشلاپ كېمەيتىلدى
شۇڭا گاۋتيېدا E ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئورۇن يوق
سەمىمىي ئەسكەرتىش
پويىزغا چىقسا بېشى قايىدىغانلار ۋە شوخ بالىلار ئۈچۈن
دېرىزە يېنىدىكى ئورۇننى تاللاش تەكلىپىنى بېرىمىز
بۇنىڭدا مەنزىرىنى كۆرۈپ، دىققىتىنى چاچالايدۇ
ئەگەر ياشانغان يولۇچى بولسا
كارىدور تەرەپتىكى ئورۇننى تاللاش تەكلىپىنى بېرىمىز
بۇنىڭدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا قولاي بولىدۇ
مەنبە: جۇڭگو تۆمۈريولى
«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى