تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قاراڭ! ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە ئۇلار ئەتىيازلىق ھوسۇل يىغىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

  باھار كېلىپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئېتىزلىقلاردا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئالغا سىلجىتتى. ھالبۇكى بەزى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە نامايان بولدى، دېھقانلار باھاردا ئالغان ھوسۇلىنى بازارغا توشۇدى، ساياھەتچىلەر پارنىكقا كىرىپ مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى، ئەنئەنىۋى تونۇش بويىچە «ئەتىيازدا تېرىپ، كۈزدە ھوسۇل ئالىدىغان» يەرلەر ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىۋاتاتتى.

  4-ئاينىڭ 7-كۈنى، پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى ياڭخەيۋەن مەھەللىسىدىكى 70تىن ئارتۇق پارنىكتا «ئېسىلغان ھالەتتە» ئۆسكەن تاۋۇزلار يۇپيۇمىلاق بولۇپ، مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يەردىكى ھەربىر پارنىكتىن ئىككى توننا ئەتراپىدا تاۋۇز ئالغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن.

  4-ئاينىڭ باشلىرىدا، يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ جىڭۋۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسىغا كەلسىڭىز، موگۇنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. قېرىنسىمان موگۇ يىغىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ شىركەت بۇلتۇر 12-ئايدا زەمبۇرۇغ ئىسپورىسى ئەملىگەندىن بۇيان، قېرىنسىمان موگۇنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى تەمىنلىدى، قۇرۇتقاندىن كېيىنكى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشقا ئىشلىتىلدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ دۆربىلجىن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى لياۋنىڭدىن كىرگۈزگەن «دەرىجىدىن تاشقىرى تاتلىق 2-نومۇرلۇق» شوخلىدىن مول ھوسۇل ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەرنى كېلىپ شوخلا ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى. «دەرىجىدىن تاشقىرى تاتلىق 2-نومۇرلۇق» شوخلىنى ئادەتتىكى شوخلىغا سېلىشتۇرغاندا، مېۋىسى تاتلىق، ئېتى سىلىق، يۇمشاق ۋە شىرنىلىك، قەنت مىقدارى يۇقىرى.

  ھازىر، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى يار بازىرى يار بېشى كەنتىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئۈجمىلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، كەنت ئاھالىسى بارى شەمشىدىننىڭ پارنىكىدا، غۇژمەك-غۇژمەك ئۈجمىلەر شاخلاردا ساڭگىلاپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. بارى پارنىكتا 15 خىل ئۈجمە سورتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلتۇر 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا، خىزمەتچىلەر گىلاس دەرىخىنى پەرۋىش قىلىۋاتاتتى. بۇ بازىدىكى 21 پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن گىلاسلار تەم كىرىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 5-ئايدىن بۇرۇن بازارغا سېلىنىپ، ئىستېمالچىلارغا تەم سەزگۈسى كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كېلىدىكەن.

 (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ رەتلىگەن، ماتېرىيال مەنبەسى: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.