يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن باشلىنىپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى نېمە، قانداق تەلەپلەر بار، قانداق قانات يايدۇررۇلىدۇ، «ئۇقتۇرۇش» نىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.






