تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«مەن بېيجىڭلىق ھەدەمنىڭ ئىللىقلىقىنى ياستۇقۇم يېنىغا قويۇپ قويىمەن»

   مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ كەندۇڭ خەۋىرى) «بېيجىڭدىكى ھەدىلەر توقۇغان پوپايكا، شارپا، پوسمىلار ھەم چىرايلىق ھەم يېقىشلىق، مەن ئۇخلىغاندا ئۇلارنى ياستۇقۇم يېنىغا قويۇپ قويىمەن، بۇنداق بولغاندا ھەدىلىرىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايمەن.» 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى جۈرېن بازىرى ساڭ كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئوبۇلقاسىم شۇنداق دېدى، ئۇ پايتەخت بېيجىڭدىكى ھەدىلىرى ئەۋەتكەن «ئالاھىدە سوۋغات»نى ئىنتايىن ياقتۇرغانىدى.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى جۈرېن بازىرى ساڭ كەنتىدىكى كىچىك دوستلار پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن مېھىر-شەپقەت سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ فوتوسى

   جەنۇبىي شىنجاڭ باھار پەسلىگە كىرىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. ساڭ كەنتىدىكى ئون نەچچە نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن «ئالاھىدە سوۋغات» __ پوپايكا، شارپا ۋە پوسمىلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

   سۈبھىنۇر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالغىنىدا، ياقتۇرغىنىدىن قولىدىن چۈشۈرمىدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان، بۇ يەرنىڭ پايتەخت بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر بولسىمۇ، ھەدىلىرىمىز بىلەن قەلبىمىز ناھايىتى يېقىن. بىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ ھەدىلىرىمىزنى يوقلايمىز ھەمدە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

   كىچىك دوستلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن پوپايكا، شارپا ۋە پوسمىلارنى ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسىدىكى «مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەت ھەرىكىتى ____ مىليونلىغان ئائىلە قول تۇتۇشۇش» ۋە «چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەش، مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىش» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان ئايال كادىرلار، ئايال ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر يىپ ـ بىر يىپتىن توقۇپ چىققانىدى.

   قولدا توقۇلغان بۇيۇملارنى ئەڭ ئېھتىياجلىق بالىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىقتىساد گېزىتخانىسى ئاياللار كومىتېتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)دىكى ئالاقىدار بۆلۈملەر بىلەن ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ساڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بۇ سوۋغاتلارنى كىچىك دوستلارنىڭ قولىغا ئوڭۇشلۇق تارقىتىپ بەردى.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى جۈرېن بازىرى ساڭ كەنتىدىكى كىچىك دوستلار پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن مېھىر-شەپقەت سوۋغىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «يۈرەك» شەكلىنى چىقىرىپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى. تىيانشان تورى شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ فوتوسى

   مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2019-يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد گېزىتخانىسى ئاياللار كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلارغا ئايال كادىرلار، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر قولدا توقۇغان «ئالاھىدە سوۋغات»لارنى كۆپ قېتىم ئىئانە قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.