□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
«ئامبارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 سېلسىيە گىرادۇس، ئاشلىقنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 4 سېلسىيە گىرادۇس...» 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامبار باشقۇرغۇچىسى ليۇ فېي بىر ئاشلىق ئامبىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، كىرىش ئېغىزىدىكى بىر ئېلېكتىرونلۇق ئېكراننى چەكسىلا، بۇ ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئاشلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولاتتى.
بۇ، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبىرى چەكلىك شىركىتى يېقىندا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تاماملىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق ئامبىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسى ھازىرلىغان ئىقتىدارلارنىڭ بىرى. بۇ باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسى ئاشلىق ئامبىرى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېمپېراتۇرا ئۆلچەش سىمى، كامېرا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاشلىق ئامبىرىغا «ئۆتكۈر كۆز» ئورنىتىلسا، يىراق بېيجىڭدىكى جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئاشلىق ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرالايدۇ.
«بۇ ئاشلىق ئامبىرى ئىچىگە توغرا يۆنىلىش بويىچە يەتتە قۇر، تىك يۆنىلىش بويىچە 11 قۇر تېمپېراتۇرا ئۆلچەش سىمى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاشلىق ئامبىرىدىكى ئاشلىقنى تۆت قەۋەتكە بۆلۈپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگىلى بولىدۇ، مەلۇم نۇقتىدىكى ئاشلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، كىرىش ئېغىزىدىكى ئېكران(يەنى ئېلېكتىرونلۇق مال ئورنى كارتىسى)دا ھەرۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ بىنورمال ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقىشىمىز ھەم بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا قولايلىق» دېدى ليۇ فېي.
جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبىرى چەكلىك شىركىتى ئىچكى ئايلانما ئېقىملىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىپ ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، قىش پەسلىدە ئاشلىق ئامبىرىغا كىرگەن سوغۇق ھاۋادىن پايدىلىنىپ، ئاشلىق دۆۋىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سوغۇق مەنبە شەكىللەندۈرۈپ، ئامبار تېمپېراتۇرىسى ۋە سىرتقى قەۋەت ئاشلىق تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىپ، بۇ ئارقىلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق يېشىل ئاشلىق ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق ئامبىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكىلىق كونترول قىلىش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئامبار باشقۇرغۇچىلارنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈشتىن باشقا ئامبارغا كىرىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى، سوغۇق مەنبەنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ، ئاشلىقنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسى ئاشلىق ئەھۋالى ئۇچۇرى بويىچە كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۇچى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مال ئورنى كارتىسى ئارىسىدا سانلىق مەلۇماتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى قېلىپلاشماسلىق، بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. ئاشلىق ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدىن يىراق ئارىلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش يەنە مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقى بويىچە تۈرلۈك ئاشلىقنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا توردا مەركەزلىك نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە پۈتۈن زەنجىرلىك سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبىرى چەكلىك شىركىتى 2023 ـ يىلىدىن باشلاپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق ئامبىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسى تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويغان بولۇپ، بۇلتۇر ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئىشلەتتى. نۆۋەتتە، بۇ باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىش سۇپىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامبارغا كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش، رەقەملىك ئامباردا ساقلاش، AI ئالدىن سىگنال بېرىش ھەم ئاشلىق ئامبىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىدى.
جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بىۋاسىتە قاراشلىق ئامبىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ زېخەي مۇنداق بىلدۈردى: تېخنىكىلىق مۇداپىئەلىنىش، تېخنىكىلىق كونترول قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل ياخشى قوللىنىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق «چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرى»نى ياخشى باشقۇرىمىز.