− شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ
بۇ يىل 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى 10 ـ قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىلدە ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
«كۆپچىلىك نېمىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ 6 ـ يىللىق 4 ـ سىنىپنىڭ سىنىپ يىغىنىدا سىنىپ مۇدىرى لى جىڭ دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك سوئال سوراش ـ جاۋاب بېرىش ۋە كۆرۈنۈشلۈك قىسقا تىياتىر قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى سىياسىي بىخەتەرلىك، تور بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى كىچىكىدىن باشلاپ «دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە كىچىك ئىش يوق» دېگەن قاراش ۋە ئاڭنى تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«مەن ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى تەقدىم قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان كىچىك قوغدىغۇچى بولىمەن» دېدى بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ زىرۇي.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ يەنە مەكتەپ رادىيوسى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، دەرس باشلاشتىن بۇرۇنقى ئۈچ مىنۇت قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ھەممەيلەن باش رولچى. 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80 ـ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى، باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سىن فىلىمى كۆردى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق(يېڭىشەھەر رايونلۇق) مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە مەكتەپ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆگىنىش ـ تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، مەسىلەن، باش تېمىلىق سىنىپ ئەترەت يىغىنىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس تېمىلىق نومۇرلارنى كۆرۈش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس ئوقۇتۇش ئاساسىي بازىسىغا تايىنىپ، ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي، تىل ـ ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق ئالاقىدار پەنلەردىكى مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈپ، دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، كاللىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىگە سىڭدۈرىدۇ.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، باش تېمىلىق نۇتۇق، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، توردا جاۋاب بېرىش، مەكتەپ رادىيوسى، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈردى.
4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، كورلا شەھەرلىك 16 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ «بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلدى، دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى. 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى تاجىگۈل مەمەت ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەھمىيىتى ھەم ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇشتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان گۇمانلىق ھەرىكەت ياكى يىپ ئۇچىنى بايقىغاندا، دەرھال 12339غا تېلېفون قىلىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا پاش قىلىشنى ئېيتتى.
4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، كۈيتۈن شەھەرلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھەرلىك پەن ـ تېخنىكا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار «بۇلۇت دەرسخانىسى» شەكلى ئارقىلىق بىر سائەت جانلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى دەرسى ئاڭلىدى.
ئىككى جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار «كۈچ ئۇلاش» شەكلى ئارقىلىق دەرس ئۆتتى، كۈيتۈن شەھەرلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ سۈيسۈي «دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىكىنى مەن قوغدايمەن» دېگەننى تېما قىلىپ نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش، سىن فىلىمى كۆرۈش، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى، دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىدى. شۈجوۋ شەھەرلىك پەن ـ تېخنىكا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ چيۇڭ مەۋقەنى «كىچىك ئۇرۇق. چوڭ بىخەتەرلىك»كە قويۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇرۇق بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقى ھەم ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىشنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن باشلاپ، ئىقتىسادچىل ـ تېجەشلىك بولۇش، ئاشلىقنى قەدىرلەشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.
«ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەكتەپ تەشكىللىگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىرىشىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى كۈيتۈن شەھەرلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى جيا ۋېنتىڭ.