− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ يىڭلۇن، لى چىڭ، زوۋ شۆميەن
4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، خانويغا بېرىپ ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام «خەلق گېزىتى»دە «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى ۋە مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق، بۇ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى.
ۋيېتنامدىكى ھەر ساھە زاتلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە، روشەن قىزىل گېن، چوڭقۇر بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، مۇنبەت ھەمكارلىق تۇپرىقى، قويۇق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشتى.
قىزىل ھېكايىلەر ياخشى سۆزلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى
«جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روشەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىكى بۇ بايان ۋيېتنامدىكى ۋيېتنام ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇەن رۇڭگۇاڭدا ئورتاق سادا قوزغىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت بىردەك كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ. قىزىل خارابىلىكلەرنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى «ئۇلارغا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار ئاممىدىن پارتىيە ئەزالىرىغىچە بولغان زىچ ئىتتىپاقلىققا سىمۋول قىلىنغان».
«بۈگۈن ئەتىگەن مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر، بولۇپمۇ ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر ئىنتايىن چوڭقۇر بوپتۇ.» ۋيېتناملىق 82 ياشلىق موماي چېن مىڭيۆ ئىلگىرى گۇاڭشى گۇيلىن يۈسەي مەكتىپىدە ئوقۇغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىمزالىق ماقالە ماڭا جۇڭگودىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلەتتى. جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىزگە سەمىمىي ياردەم بەرگەن... مەن ئۇ جايدىكى ھەربىر كىشىنى ئۇنتۇيالمايمەن.» چېن مىڭيۆ مۇنداق قارىدى: ۋيېتنام ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ قىزىل ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش زۆرۈر، «ياش ئەۋلادلارنى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئەنئەنىسىنى تولۇق چۈشىنىش، قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
ئىلگىرى ۋيېتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئەدەبىيات دوكتورى رۇەنشى مېيجۈەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، بولۇپمۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» دېگەن مەزمۇنغا قارىتا ھاياجانلانغان ھالدا «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى» دېگەن تېمىدا مۇنداق شېئىر يازدى: «ۋيېتنام ـ جۇڭگو ئىناق قوشنا ھەم يېقىن دوست، جەۋلان قىلار قىزىل بايراقلىرى كۆكتە. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇردۇق ئالتە <تېخىمۇ>نى، قېرىنداش بولغاچ قەلبى بىرتۇتاش».
«ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشى ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ زىچ ھەمتۈرتكە بولۇشى يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلدى.» خانوي چەت ئەل تىلى ۋە تېخنىكا شۆيۈەنى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ گۇڭجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىكى «جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى چوڭقۇر بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشتىن باشلانغان» دېگەن مەزمۇن توغرىسىدىكى بۇ باياننى ئىنتايىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى. بۇ، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ 4 ـ قېتىم ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى».
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىدۇ.
«مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئىنتايىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىمەن. <يېقىن ئۆتۈش> ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈشتىن دېرەك بېرىدۇ، <سەمىمىي بولۇش> ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، <مەنپەئەت يەتكۈزۈش>تە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش تەكىتلەنگەن، <سىغدۇرۇشچان بولۇش>تا سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش نامايان قىلىنغان.» ۋيېتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى فەن فۇفۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىققا تولدى. بۇ ئىدىيەدە تىنچلىق يادرو قىلىنغان، سەمىمىيلىك ئۇل تاش قىلىنغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يول قىلىنغان، سىغدۇرۇشچان بولۇش كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن بولۇپ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى نامايان قىلىنغان».
ئەمەلىي ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىلدى
«ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىلەن <ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك> رامكىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» «ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆلچەملىك رېلىسلىق ئۈچ تۆمۈريول تۈرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش» «ئاقىل پورت قۇرۇش» «5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىكى جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرى ۋيېتنام تەرەپتىكى زاتلارنى ئۈمىدكە تولدۇردى.
«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن <ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك> رامكىسى نىشان ۋە يۆنىلىش جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ۋيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.» ۋيېتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنى ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ ۋېنخۇي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريول تۈرى، ئاقىل پورت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش كەلگۈسىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.
ۋيېتنام سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى سودا ـ سانائەت تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۇەن بوخەي مۇنداق قارىدى: تۆمۈريول تۈرى ھەمكارلىقى ۋيېتنام ـ جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىغا سۈپەت جەھەتتىن ھالقىش ئېلىپ كېلىدۇ. «ۋيېتنام ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۆمۈريولنى تۇتاشتۇرۇش ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەتتا يېرىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم ۋيېتنام يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋيېتنام ـ جۇڭگو خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورتىدا سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى پېتى ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى تېخىمۇ ئەرزان، سۈپەتلىك بولغان مەززىلىك يېمەكلىكلەردىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ».
«ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا گۈل ـ گىياھ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا كۆپ يىل بولدى، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقىغا ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم.» ۋيېتنام بەيلەن ئىمپورت ـ ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى رۇەن سۈييۈن ئىمزالىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مۇنبەت ھەمكارلىق تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان» دېگەن مەزمۇنغا قارىتا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ 2018 ـ يىلىدىن باشلاپ يۈننەننىڭ گۈل ـ گىياھلىرىنى ۋيېتنامغا ساتقان، ھازىر ھەر ئايدا جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئارىسىدا قاتنايدۇ. «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆلچەملىك رېلىسلىق ئۈچ تۆمۈريول تۈرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇشى بىزگە ئوخشاش چېگرا ھالقىپ سودا قىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاتناشنىڭ تېخىمۇ قولايلىق، ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ زىچ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».
ۋيېتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى چېن چىڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تەجرىبىسى مول، مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تۆمۈريول، تاشيول تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتى جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى ۋە ئۇنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.
چېن چىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى، تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق» دېگەن مەزمۇن توغرىسىدىكى بايانلىرىنى تولۇق قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سودىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادتا بىر ـ بىرىگە تايىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ».
ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، تەقدىرداش بولۇش يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق پۈتۈلدى
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قويۇق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىلدى، دەپ كۆرسەتتى ھەم دېتيەن (بەنيۆ) شارقىراتمىسى چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ، ۋيېتنام گاۋپىڭ ساياھەت پاي شىركىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان شارقىراتما چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش كەسپىنىڭ مەسئۇلى شۈشىلىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق رايونى ھەر كۈنى ئىككى دۆلەتتىكى زور تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە يەنە، بىر ـ بىرىگە بولغان چۈشىنىشنى ئاشۇردى. بۇ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسى چېگرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، كۆپ مىقداردا ئىش ئورنى ياراتتى، بۇ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە، ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنى قارشى تەرەپ دۆلىتىگە بېرىشقا، «داكا قىلىش»قا ئىلھاملاندۇرغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، ۋيېتناملىق ئاۋانگارت ياشلار ھەل قىلىش لايىھەسى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى لىنشىشۇن ئىنتايىن ھاياجانلاندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئاكتىپ ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىكىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بازارنى كېڭەيتىپ، مەخسۇس بېكىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ، جۇڭگولۇق ھەمراھلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خېرىدارلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىمىز».
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە، جۇڭگونىڭ كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلىرى ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ قىزغىن مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلىنىپ، ۋيېتنامدا «جۇڭگو تىل ـ يېزىقى قىزغىنلىقى»نىڭ سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، دەپ تىلغا ئالدى. خانوي دۆلەتلىك داشۆ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى مىڭيىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، چۈنكى ئۇ جۇڭگو كىنو ـ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ «مەستانىسى». «ھازىر جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغان ۋيېتناملىق ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇن جۇڭگو كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ ۋيېتنامدا <بازىرى ئىتتىك> بولۇپ كەتتى.» لى مىڭيىڭ مۇنداق دېدى: «ۋيېتنامنىڭ مەززىلىك تائاملىرى مەسىلەن: خېفېن نۇرغۇن جۇڭگولۇقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى».
ۋيېتنامنىڭ داڭلىق سەركەردىسى خۇڭشۇينىڭ قىز نەۋرىسى، ۋيېتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقى «ۋيېتنام رەسىملىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى خېشى شياڭچيۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، مەن بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدۇم. «كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن ئاساسلىقى ۋيېتنامنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادىتىنى جۇڭگولۇق دوستلارغا تونۇشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، شۇنداقلا جۇڭگوغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋيېتناملىق ئاڭلىغۇچىلارغا سۆزلەپ بەردىم.» ئۇنىڭ قارىشىچە، ياشلار ۋيېتنام ـ جۇڭگو دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى بولۇپمۇ ياشلار ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، «ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك» ئىكەن.
رۇەن رۇڭگۇاڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە قاتناشقان، يەنە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنى ۋيېتنام تىل ـ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن ۋە قايىل قىلغان. «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت مەيلى قانداق تاشقى خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلسۇن، بىردەك ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاندىن ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دولقۇن يېرىپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلالايدۇ».
(قاتناشقان مۇخبىرلار خۇ جيالى، جاۋ شۈ، ۋاڭ شيەنسى، ۋۇ شياۋياڭ، دۇ جۈەن، چاڭ تيەنتۇڭ، ليۇ شيۇلىڭ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)