تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، ليۇ كەي) 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنامنىڭ سىياسىي، جەمئىيەت ئىشلىرى مۇقىم بولدى، ئىسلاھات ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن خۇشال. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ھەر ئىككىلىسى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئالغان، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، زومىگەرلىككە، بىر تەرەپچىلىككە، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، ئاسىيا، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداش كېرەك.

ئىككى تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشىنى پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق تۇتىشىدىغان رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىشى كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سودا، سېلىنما قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشى كېرەك. جۇڭگو ـ ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەم جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك. خەلق قەلبىنى مايىل قىلىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرنى يولغا قويۇشى كېرەك.

فەن مىڭجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى، ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، مۇقەررەركى، ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

فەن مىڭجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 2023 ـ يىلى ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش يەنىمۇ كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش روھىنى ئۆگىنىشنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەندىزىسىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. «ۋيېتنام ـ جۇڭگو ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خادىملار ئالاقىسى ۋە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۇ لياڭ، جاۋ شۈ) 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى چېن چىڭمىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋيېتنامدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ھازىر، جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ۋيېتنام پات ئارىدا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى دەۋرنى ئاچىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت يول ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، سىياسىي يۆنىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۆنىلىشنى مۇقىم ئىگىلەپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام مۇناسىۋىتى پاراخوتىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەلەر ئارا، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك.

چېن چىڭمىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت تارىختىن بۇيانقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدە، «يولداش ھەم قېرىنداش» بولغان سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل دوستانە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بېرىپ، ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ۋيېتنام پارلامېنتى جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.