تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30غا يېقىن شىنجاڭ كارخانىسى ئۆمەك تەشكىللەپ 5 ـ نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى خەيكوۋدا باشلانغان. شىنجاڭ سودا ئۆمىكىدىن جەمئىي 29 داڭلىق، مۇنەۋۋەر كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، تۆت چوڭ تۈردىكى 300دىن ئارتۇق سەرخىل ئىستېمال بۇيۇمىنى كۆرگەزمە قىلغان.

بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمىدە يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، جەمئىي 71 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلتۈرۈلگەن 4100دىن ئارتۇق ماركا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ھەم ساھە باشلامچى كارخانىسىدىن بولۇپ 65 كارخانا بىر سەھنىدە مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ سودا ئۆمىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىدۇ.

شىنجاڭ سارىيى «شىنجاڭ پاختىسى»نى يادرولۇق ئامىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنىڭ خاس ئەۋزەللىكى ۋە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمە سارىيى «شىنجاڭ پاختىسى يىپەك يولى» «شىنجاڭ دورىلىرى، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش» «شىنجاڭ تۈسىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى» «شىنجاڭ رايونىدىكى مەززىلىك تائاملار»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۆرگەزمە رايونىنى پىلانلاپ، توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، خاس ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ سەرخىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنى كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، مەدەنىيەت، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھە بويىچە شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە سەرخىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كۆرگەزمە سارىيى يەنە ئاۋاز، نۇر، توك قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى.

«شىنجاڭ پاختىسى يىپەك يولى» كۆرگەزمە رايونىدا، كۆرۈرمەنلەر شىنجاڭ پاختىسى يادرولۇق خام ماتېرىيال قىلىنىپ، ئەتلەس گۈل نۇسخىسى بىلەن زامانىۋى لايىھەلەش يۇغۇرۇلغان كۆڭلەك، يىپەك ياغلىق، چامادان ـ سومكا قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ «بىر غوزا پاختا»دىن «بىر قۇر كىيىم»گىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

بۇ قېتىم ئۈرۈمچى جىنروۋ جۇيەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 3 ـ قېتىم ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، شىركەت شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇزۇن تالالىق پاختىسى ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ـ سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ توقۇلغان ئەتلەس ئامىلىدىن ئىشلەنگەن يېپىنچا، تۆت يۈرۈشلۈك مەھسۇلات ۋە پاختا توقۇمىچىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلدى.

بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جېن سەيجېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ ئامىلىنى مەھسۇلات لايىھەسىگە سىڭدۈردۇق، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارنى تېخىمۇ ياخشى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭ ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ سەرخىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى «شىنجاڭ كۈنى» مەخسۇس تېمىسىدا تونۇشتۇرۇش، توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم ـ كېچەكلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆرسىتىش، خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ باھالاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كۆرۈش ـ ئاڭلاش، تېتىپ بېقىش، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك ھەمتۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭ داڭلىق ماركىسىنىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.