تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن خانويغا يېتىپ باردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۇ لىننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ كەيجۈن، خۇ جيالى) 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن خانويغا يېتىپ باردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

4 ـ ئايدىكى خانوي بۈك ـ باراقسان دەل ـ دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. رەئىس مەھكىمىسى مەيدانىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ۋيېتناملىق 200دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ـ بالا بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ بارغاندا، سۇ لىن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈش ئورنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى، ۋيېتناملىق ئۆسمۈرلەر ـ بالىلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ سۇ لىننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى، ئارقىدىن بىرلىكتە مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن سۇ لىن بىرلىكتە ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايغا پىيادە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يول بويىدا نەچچە يۈزلىگەن ۋيېتنام خەلق ئاممىسى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى ئەڭ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.