تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، جاڭ چۇڭفاڭ) 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، باش شۇجى سۇ لىن بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆزئارا زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ يىل ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، ۋيېتنام دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە جەنۇبىي رايون ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋيېتنام تەرەپنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنامنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، 2026 ـ يىلى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو ـ ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى». 75 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە بىر ـ بىرىنى قوللىدى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بېغىشلىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىق تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇش، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش تېخىمۇ زىچ بولۇش، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى، 1 مىليارد 500 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق قەدەم تاشلىشى رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. تەنھا كىچىك قولۋاق دەھشەتلىك دولقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ھەر ئىككىلىسى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىش. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى خۇددى ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك دائىم ئالاقە قىلىشى، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەشكىلاتى قاتارلىق يوللارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا بولغان رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئىككىنچى، تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان خەۋپسىزلىك توسۇقى بەرپا قىلىش. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت مېخانىزمىنى مىنىستىر دەرىجىلىك قىلىپ بېكىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ، بولۇپمۇ لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

ئۈچىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش. جۇڭگونىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ۋيېتنامنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈش مۇھىم پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، ئاقىل پورتلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرى باشتىن ـ ئاخىر ۋيېتنامغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋيېتنامغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ۋيېتنام تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، دوستانە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تۆتىنچى، تېخىمۇ كەڭ بولغان خەلق رايى رىشتىنى مەھكەم تۇتاشتۇرۇش. بۇ يىلقى «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىغا يېقىن، خەلق قەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. قىزىل بايلىقنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋيېتنام ياشلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ «قىزىل تەتقىقات ـ ئۆگىنىش سەپىرى»نى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارغا قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جەڭگىۋار كۈچ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، تېخىمۇ قويۇق بولغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ئورتاق قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

ئالتىنچى، تېخىمۇ ياخشى بولغان دېڭىز ئۈستى ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىز ئۈستى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ئورتاق ئېچىشنى يولغا قويۇپ، «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى تېزدىن ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سۇ لىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن داھىيسى، شۇنداقلا ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلقى تۇنجى زىيارەتكە چىقىشىدىلا ۋيېتنامغا كېلىشى ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ۋيېتنامنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مۇقەررەركى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىدىكى يېڭى ئابىدىگە ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز راۋاجلاندى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ۋيېتنام تەرەپ بۇنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋيېتنامنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋيېتنامنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە 1 ـ دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى. ۋيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ۋيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى؛ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشنى؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىكلەر، ياشلارنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇش مەنزىلىنى ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىقتا چىڭ تۇرۇش فاڭجېنىنى بېكىتكەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دېڭىز ئۈستى ئىختىلاپىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىز ئۈستى مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، سۇ لىن شى جىنپىڭنى كىچىك دائىرىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئىككى پارتىيە باش شۇجىسى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ئىستىلى خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى. ئىككى پارتىيە باش شۇجىسى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىشقا بىردەك قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى پارتىيە باش شۇجىسى جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان 45 پارچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى نامايان قىلىشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى، بۇ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تاموژنا تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە، خەلق تۇرمۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىرلىكتە شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ھەممىسى ھەمراھ بولۇپ قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.