يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ باھار مۇقەددىمىسى ئىچىدە، كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ رومانتىك دەملەرنى كۈتۈۋالدى. 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈكلۈكتە ياۋا ئۆرۈكلەر بەس-بەستە چېچەكلىدى، ئاقۇچ ھال رەڭ گۈل-چېچەكلەر خۇددى شارقىراتمىدەك كۈنەس دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تاغ باغرىغا ئېقىپ كىرىپ، پۈتكۈل تاغ جىلغىسىنى ئاقۇچ ھال رەڭ دېڭىز-ئوكيان كەبى بوياپ، يېڭى بىخ سۈرگەن يېشىل ئوت-چۆپلەر، بەخىرامان يۈرگەن كالا-قويلار، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان ساياھەتچىلەر بىلەن گىرەلىشىپ گۈزەل باھار مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى.

















ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، كاۋسار جانات
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى