تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، پۇشتەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ، پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى توققۇزتارا شاجوۋ تەجرىبە مەكتىپى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بىلەن باشلاندى، 2025-يىللىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «ئانار دانىسى لوڭقىسى»ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى توققۇزتارا ناھىيەسىدە قىزغىن باشلاندى.
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى. سۈرەتنى ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن
توپ تالىشىش، پاس بېرىش، ۋاراتاغا توپ ئۇرۇش، مۇسابىقە مەيدانىدا كىچىك پۇتبولچىلار شامالدەك ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، پىشقان توپ تېپىش ئۇسۇلى، يېقىندىن ماسلىشىش ھەمدە يېڭىلىشقا ھەرگىز تەن بەرمەسلىك روھى بىلەن تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتىنى نامايان قىلدى. «مەن پۇتبول تېپىۋاتقىلى تۆت يىل بولدى، پۇتبول ماڭا ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بىزنىڭ نىشانىمىز چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش». توققۇزتارا شاجوۋ تەجرىبە مەكتىپى قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دىلبەر تۇرغانجاننىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشقان ئىدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ 2025-يىللىق 3-نۆۋەتلىك «ئوت يۇرتى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش لوڭقىسى»شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «ئانار دانىسى لوڭقىسى»ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، ئىككى كوماندا كەسكىن مۇسابىقىلەشمەكتە. سۈرەتنى ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى، ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. مۇسابىقىگە پۈتۈن ئوبلاستتىن كەلگەن 55 كوماندا، 1200دىن ئارتۇق ياش-ئۆسمۈر قاتناشقان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 12 كۈنلۈك مۇسابىقىدە پۇتبولچىلار 100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ.