تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گىلاسلار قىزاردى، تېزدىن كورلىغا بىر مەيدان شېرىن ئۇچرىشىشقا كېلىڭ

 ​4-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى يىڭكاڭ ئېكولوگىيە باغچىسى پارنىكىدا، ھەممە يەرنى گىلاسنىڭ خۇش ھىدى قاپلىغان بولۇپ، يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدىكى گىلاسلار خۇددى قىزىل ھېقىقتەك شاخلاردا ساڭگىلاپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئىستىراھەت، تاماشا قىلىش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، مىۋە ئۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن كەسىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. (كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى ئايزۆھرە ئايۇپ، ما لىجۇەن)

ساياھەتچىلەر گىلاس ئۈزمەكتە.

گىلاسلار توق ۋە قىزىل بولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.