تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ سىمىن
«جەنۇبىي ئامېرىكا قوڭغۇزى سىرتتىن كەلگەن تۈر، سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ»، «تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىلماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك».... 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 10-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ئۆزگىچە دەرسىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنىڭ ئۇرۇقىنى ياشلىق مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

4-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتىپىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ئۆزگىچە دەرسى ئۆتۈلدى. يۈ سىمىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 14-كۈنى، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ياشلىق كاپالىتى» تېمىسىدىكى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. يۈ سىمىن فوتوسى