مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت رايونىدىكى بازارلاشقان سودا توك مىقدارى 2016-يىلىدىكى 19 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتتىن 2024-يىلىدىكى 150 مىليارد كىلوۋات سائەتكە كۆپىيىپ، بازارلاشقان سودا توك مىقدارى نىسبىتى %26.7تىن %73.5كە ئۆسۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان.

شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شۆچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ بازارلاشقان سودا توك مىقدارى جەمئىي 900 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، 900 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسى يەنە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سودىسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ئومۇمىي تۈر بويىچە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىغا قاتنىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتتى. بۇ يىل 1-پەسىلدىلا شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىدىكى توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %35تىن ئېشىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 25 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.
شىنجاڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، توك تارقىتىش، توك ئىشلىتىش پىلانىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىش، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت، ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نەق مال، قوشۇمچە مۇلازىمەت ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان كۆپ قاتلاملىق بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى