توقسۇندىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلار بازارغا سېلىندى
托克逊大棚西瓜上市了
مۇھەررىر:
努尔比叶·伊斯马伊力
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2025/04/15 18:22
4-ئاينىڭ 9-كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىكى پارنىكتا، پېلەكلەر ئارىسىدىكى يوغان ھەم يۇمىلاق تاۋۇزلارنىڭ پىشىش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. تاۋۇزچى دېھقان تاۋۇزلارنى ئۈزۈش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. نۆۋەتتە، غولبويى يېزىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزلىرى بازارغا سېلىندى، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دىلمۇرات ئەنۋەر، چېن يۈلىن، جۇ يەنرۇڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر :
阿依古丽·阿布都拉
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.