ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، دولان مۇقامىنىڭ مۇزىكىسى چېلىنىشى بىلەن تەڭ، مەنزىرە رايونىدىكى ئارتىسلار جۇشقۇن، قىزغىن، مەردانە دولان مەشرىپىنى ئوينىدى. ئويۇن جەريانىدا تۆگە كارۋىنى، تەخەي، چوڭ غاز كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كىردى، ساياھەتچىلەر يېقىملىق مۇزىكا ۋە قىزغىن ئۇسسۇلغا مەپتۇن بولۇپ، يان تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ توختىماي سۈرەتكە تارتتى ھەم ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە توختىماي چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى.
ئىگىلىنىشىچە، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەر-سەنئىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ۋە يېڭىدىن ماكانلاشقان مودا قەھۋەخانىلار ۋە تۈرلۈك ئۇششاق يېمەكلىكلەر قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلغان، بۇ يىل يەنە ئارتىسلار ۋە خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش-كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا ئەتىگەندىن كەچكىچە چوڭ-كىچىك بولۇپ ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونىدا مەدەنىيەت جەلپكارلىقىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
مۇخبىر: يىن تۇڭيۇەن
نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، چېن فېڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى