تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بۇ ھەپتە ئىككى قېتىملىق ھۆل-يېغىننى كۈتۈۋالىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشىدۇ

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىككى قېتىملىق ھۆل-يېغىننى كۈتۈۋالىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر، قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇم-بوران كۆپ چىقىدىكەن، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشىدىكەن. يامغۇر، قار، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، بورانلىق ھاۋارايىنىڭ زىرائەت تېرىش ۋە مايسىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرگەندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق كىيىنىپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 20دىن 15-كۈنى سائەت 20گىچە بولغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش خەرىتىسى. سۈرەت: جۇڭگو ھاۋارايى تورى

   ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئىككى قېتىملىق ھۆل-يېغىن جەريانىنى كۈتۈۋالىدىكەن. 1-قېتىملىق ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن 17-كۈنى كېچىگىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدە قاتتىق ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا قاتتىق ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدە قاتتىق ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنى كۈندۈزگىچە بولىدىكەن. 2-قېتىملىق ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندۈزدىن 19-كۈنى كېچىگىچە بولۇپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدە قاتتىق ھۆل-يېغىن مەزگىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدىن 19-كۈنى كۈندۈزگىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن.

   بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى ئون بال ئەتراپىدا، ئۆتكۈنچى بوران 12 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ۋە قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرى مۇداپىئەلىنىشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى زۆرۈر.

   ھۆل-يېغىنغا ئەگىشىپ، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 19-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىروۋ ئۈششۈكى چۈشىدىكەن؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى باشقا تۈزلەڭلىك رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ سىجىل تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنى كۈندۈزگىچە، شەھەر رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ؛ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈندۈزى ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 9 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ؛ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 2 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدۇ.

   شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى، 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە G30، G312 لىنىيەسى چىڭسىخوزا-سايرام كۆلى بۆلىكى، G 218 لىنىيەسى مۇس-كۈنەس جىلغىسى بۆلىكى، غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى، S101 تاشيولى ۋە G314 لىنىيەسى تاشقورغان-قونجىراپ بۆلىكى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە ھۆل-يېغىن كۆرۈنەرلىك بولدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قاتتىق ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئارىلاش كەلكۈن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قىيان ۋە گېئوئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە توغرا كېلىدۇ، قاتناش باشقۇرۇش ۋە يول مەمۇرىيىتى تارماقلىرىنىڭ لىنىيە بويىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرگە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

   شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاللىقاچان ئۈنۈپ چىققان (ئۈنۈپ چىقاي دەپ قالغان) كېۋەزلىكلەر، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىن سانجى ئوبلاستىنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە ھەم قومۇل شەھىرىدىكى ئېچىلغان ئۈزۈملەر ۋە چېچەكلىگەن توقاچ شاپتۇل، ئالما قاتارلىقلارغا تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك ھەمدە سولياۋ يوپۇق يېپىلغان ئېتىزلاردا سولياۋ يوپۇق يېپىش ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرى قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايىدا ئوتلاق كۆچۈش ۋە دالىدا چارۋا بېقىشتىن ساقلىنىپ، چارۋىلارنى سوغۇقتىن ساقلاش، ئىسسىق ساقلاش ۋە يەم-خەشەك تولۇقلاش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.