تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەن جېڭ 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودا سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەينەن خەيكوۋدا 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودا سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سائەت 10دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خەن جېڭ 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، «جۇڭگودا سېتىۋېلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى ۋەكىللىرى، ئەنگلىيە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى دوگلاس ئالېكساندىر، سىلوۋاكىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دېنىسا ساكوۋا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچىسى جاڭ شياڭچېن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تەبرىك سۆزى قىلدى.

جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەلچىلەر قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

باشلىنىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ خەينەن خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا سەييارە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خەلقئارا سودا ـ سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتماقتا، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، بازار بوشلۇقى كەڭ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇۋۋىتى كۈچلۈك. ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىستېمال كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ماركا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى، ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىستېمال سەرخىل بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش» باش تېمىسى داۋاملاشتۇرۇلدى، پۈتۈن يەرشارىدىكى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 1700دىن ئارتۇق كارخانا، 4100دىن ئارتۇق ماركا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.