تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيى ئېچىلدى

4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ياپونىيە دابەندە، ئېكسكۇرسىيەچىلەر جۇڭگو سارىيى ئىچىدە «جياۋلۇڭ» ناملىق چوڭقۇر چۆكۈشنى ھېس قىلىش بۆلۈمچىسىنى ئېكسكۇرسىيە ـ سەيلە قىلماقتا.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جيا خاۋچېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن زېئەن، ياڭ جىشياڭ) 2025 ـ يىللىق دابەن . گۇەنشى دۇنيا كۆرگەزمىسى (دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسى) 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى رەسمىي ئېچىلدى، «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى − يېشىل تەرەققىي قىلغان كەلگۈسى جەمئىيەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلغان جۇڭگو سارىيى شۇ كۈنى ساراي ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو سارىيى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا كۆرگەزمىسىدىكى چەت ئەل ئۆزى قۇرغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ سارايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى رېن خۇڭبىن ساراينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيە تەرەپنىڭ دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللىدى، دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو سارىيىغا تەييارلىق كۆرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى. جۇڭگو سارىيىنىڭ قالتىس كۆرگەزمىسى ۋە مول پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا گۈللەپ ياشناۋاتقان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگونى نامايان قىلىپ، دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۈچۈن قالتىس، ئۇنتۇلغۇسىز جۇڭگو ئىزناسىنى قالدۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى دىمىترى كېركېنتزېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر قالتىس ئىپادىسى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ كەلدى، كۆرگەزمە سارىيى كۆپ قېتىم ئالاھىدە شەرەپكە ۋە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەر جۇڭگو سارىيىدا جۇڭگونىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە قەدىمىي ئەقىل ـ پاراسىتىنى ھېس قىلىپ، زامانىۋى جۇڭگونىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىجادىيەت لايىھەلىرى بىلەن تونۇشىدۇ.

ياپونىيە دۇنيا كۆرگەزمىسى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، ياپونىيە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى شىساڭياخې مۇنداق بىلدۈردى: ياپونىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياپونىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بىرى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كەلگۈسى جەمئىيەتنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دابەن مەھكىمىسىنىڭ ھاكىمى جىسۈنياڭۋېن مۇنداق بىلدۈردى: دابەن دۇنيا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ئالەن بېرگېر، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ ھەم جۇڭگو ـ ياپونىيە كارخانىلىرى، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 300 كىشى ساراينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلى ۋە ئۇسسۇللۇق تىياتىر «قىزىل ئىبىس» ئورۇنلاندى.

جۇڭگو سارىيىدا جەمئىي «تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ» «ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئېكولوگىيە ئەقىل ـ پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىن ئارىلىق سېلىشتۇرمىسىدا جۇڭگو چاڭئې 5 ـ نومۇرلۇق، چاڭئې 6 ـ نومۇرلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئالدى يۈزى ۋە ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىپ كەلگەن تۇپراق ئەۋرىشكىسى كۆرگەزمە قىلىندى ھەم «جياۋلۇڭ» ناملىق چوڭقۇر چۆكۈشنى ھېس قىلىش بۆلۈمچىسى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم، «24 مەۋسۇم» باش تېما قىلىنغان چوڭ تىپتىكى كۆپ ۋاسىتىلىك ھەرىكەت ھالىتىدىكى سىن، رەقەملەشكەن ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم «تېرىقچىلىق، توقۇمىچىلىق رەسىمى» قاتارلىق كۆرگەزمە تۈرلىرى جۇڭگو سارىيىدىكى يارقىن نۇقتىلار ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.