تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى

□جۇڭ شېڭ

شۇ جاي ۋاقتى 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن ۋەكىل مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنياۋى سودا يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى ئېلىش قورغىنى ۋە ئېنىقسىزلىقلار كۈچىيىۋاتقان خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداشقا چاقىرماقتا. ئامېرىكا تاموژنا بېجى ۋاسىتىسىدىن كۆپ قېتىم كەلسە ـ كەلمەس پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجىنى چېكىدىن ئاشقان ھالدا بېسىم ئىشلىتىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قورالى قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، دۇنياۋى ئىقتىساد تەرتىپىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زەربە بەردى.

ئامېرىكا ئىلگىرى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسلىق بەرپا قىلغۇچىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزاق مەزگىل مەنپەئەتلەنگۈچى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ تۈزۈلمىگە ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى بولۇپ قالدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىۋىرا يېقىندا «ئامېرىكا سودىدىكى چوڭ يەڭگۈچى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ھەم تەھلىللەر ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپ قەستەن سەل قاراۋاتقان بىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ بەردى: ئامېرىكا دۇنياۋى سودا سىستېمىسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق ساھەلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئامېرىكا بازارنى ئېچىۋېتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى چىقىرىش ۋە كاپىتالنى يۆتكەش ئارقىلىق سىجىل ھالدا نورمىدىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك پايدىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «سودىدا زىيان تارتىش سەپسەتىسى» ئەسلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا مەستخۇش بولۇپ، تاموژنا بېجى كالتىكىنى توختىماي پۇلاڭلىتىپ، يەككە تەرەپلىك، زومىگەرلىك قىلىپ خەلقئارا قائىدىنى دەپسەندە قىلدى، بۇ خىل تۈزۈم خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرلەپ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان يولغا قويغان تاموژنا بېجى تەدبىرى 2025 ـ يىلى دۇنياۋى تاۋار سودا مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %1 چېكىنىپ، ئىلگىرىكى مۆلچەردىكى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 4 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى دۇنيا ئىقتىسادىغا زور خەۋپ ـ خەتەر پەيدا قىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھە دەپ «تاموژنا بېجى پوپوزىسى» قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىت، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئاجىز ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالىدۇ. ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا سىڭىشىشى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئوچۇق، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى گرېنسپان ئوچۇقلا: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى «ئاجىز دۆلەتلەر ۋە نامرات دۆلەتلەر»گە ئەڭ ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»دىمۇ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەردىن يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجى ئېلىش «ئامېرىكا سودا سىياسىتىنىڭ ئەخمىقانىلىقى ۋە رەھىمسىزلىكلىكى»نى ئاشكارىلىدى.

قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارىخىي ساۋاقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىدا، ئامېرىكىنىڭ «سموت − خاۋلېي تاموژنا بېجى قانۇنى» دۇنياۋى سودا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ كاساتلىشىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ سودا زومىگەرلىكى سىياسىتىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، كونا يولدا مېڭىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايون بەس ـ بەستە: ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى ئېلىش تەدبىرى خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى، ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ سادالار ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئادىل سودا قىلىش»تەك ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن ـ ئاخىر كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل: تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ قورقمايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يوللۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىككە ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىقلىق ۋە مۇقىملىق قوشۇشنى خالايدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.