شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025 ـ يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» − شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى چەت ئەلدە كېڭەيتىش پائالىيىتى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە ساياھەت تەشۋىقاتى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت كۆرىكى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، كىيىم ـ كېچەك ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، فىرانسىيە خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، جانلىق جۇڭگو شىنجاڭ نامايان قىلىنغان.
بۇ پائالىيەتنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، پارىژ جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، كارخانا ساھەسى ۋەكىللىرىدىن 100گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشقان.
شىنجاڭنىڭ تەبىئەت، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ـ ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يۈ جيې مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيا ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇش قەدىمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىۋاتىدۇ. قىزغىن، مېھماندوست شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دوستلارنى سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ، بىر مەيدان «شىنجاڭ سەپىرى»نى باشلىدى. فىرانسىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت ـ تاماشا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە رەڭدار مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
فىرانسىيە ساياھەت تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى جىن لۇيى باراندېرو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، جۇڭگو ـ غەرب مەدەنىيىتى بۇ يەردە توپلانغان، يۇغۇرۇلغان بولۇپ، رەڭدار تارىخىي مەدەنىيەت كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە خەلق ئاممىسىنىڭ بېرىپ كۆرۈشىنى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.