تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايوننىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى تۇرپاندا باشلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 ـ يىللىق «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈم باغچىسى مەنزىرە رايونى (مەشرەپ ئۆرپ ـ ئادەت قورۇقى)دا باشلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن بىر مەيدان قالتىس بولغان مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كەلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەۋقە تۇرپاننىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا قويۇلۇپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ئارقىلىق، يېزا ـ كەنت مەدەنىيىتى، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى، كەنت ئاھالىلىرى ماھارىتى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ھەرىكەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى. تۇنجى بولۇپ ئورۇنلانغان «ئوت يۇرتىدا بىرلىكتە تەبرىكلەش . يىپەك يولىدا ناخشا ياڭراش» ناملىق ئۇسسۇللۇق ناخشىنىڭ شوخ مېلودىيەسى ۋە قىزغىن ئۇسسۇلى پۈتۈن مەيداننى لەرزىگە سالدى؛ «مىڭلىغان كارىز قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى»دا كارىزنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا تۇرپان خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى جانلىق نامايان قىلىندى؛ «بەسلىشىش سەھنىسىدىكى ياڭراق ناخشىلار باھار شامىلىنى كۈتۈۋالدى» «ئوت يۇرتىدا بىرلىكتە تەبرىكلەپ ئونمىڭ چاقىرىم يىراقلارغىچە ناخشا ياڭرىتىش» قاتارلىق نومۇرلار پۈتۈن مەيدان پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ، قىزغىن چاۋاكلارغا ئېرىشتى.

«بۇ قېتىمقى <كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى> ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىدە ئەنئەنىۋى كېچىلىك ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، مەنزىرە ئارقىلىق بايان قىلىپ نومۇرلارنى بىر ـ بىرىگە ئۇلاپ قويۇش شەكلى قوللىنىلىپ، ھەم ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ساقلاپ قېلىندى، ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى سىڭدۈرۈلدى، چۆكۈش شەكلىدىكى سەھنە لايىھەسى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش ـ ئاڭلاش تەسىراتى ئېلىپ كېلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى ئەيساجان ساۋۇت.

«ئىشىك ئالدىدا بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئويۇننى كۆرۈپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم. ھەربىر نومۇرنىڭ ھەممىسى خاسلىققا ئىگە ئىكەن، كىشىگە قانغۇچە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەقەززامىز» دېدى تۇرپان شەھەر ئاھالىسى ۋېي چۇنلى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت ـ ھۆسنخەت ـ رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن زوقلىنالايدۇ، ھۆسنخەت ـ رەسىملەردىن ھۇزۇر ئالالايدۇ... سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ھېس قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.