شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت لىن شياڭچېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، «يېشىل يۇرت ـ ماكاننى قوغداش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش» باش تېمىسىدىكى 2025 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ھازىر دەل ئەتىياز پەسىللىك ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قۇرۇلۇش قىلىش مەشغۇلاتى قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆپىيىپ، دالىدىكى ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زورىيىپ، ئوت ئاپىتى خەتىرىنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆرلىدى. ئورمان، ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، كەڭ ئاممىنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يېشىل يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قوغدىشىغا توغرا كېلىدۇ.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر مول، رەڭدار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. خىزمەتچى خادىملار تەشۋىقات تاختىسى ئورنىتىش، لوزۇنكا ئېسىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىغا ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملار، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك بىلىملىرى ھەمدە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئېغىر خەۋپى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇردى.
تەشۋىقات تاختىسى رايونىدا، ھەربىر پارچە جانلىق، ئوبرازلىق سۈرەت ۋە ئىخچام سۆزلەر ئارقىلىق ئورمان ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەت ھەمدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بىۋاسىتە نامايان قىلىنىپ، ئۆتكەن ـ كەچكەن ئاممىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى.
خىزمەتچى خادىملار يەنە نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش سۇ ئاپتوموبىلى، يۇقىرى بېسىملىق سۇنى تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈش مىلتىقى، يىراق مۇساپىلىك ئوت ئۆچۈرۈش زەمبىرىكى، شامال كۈچى ئارقىلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىلغار جابدۇقلىرىنى كۆرسەتتى.
نەق مەيداندىكى ئامما بەس ـ بەستە ئالدىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەسلىھەت سوراپ، بۇ جابدۇقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئارقىلىق، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە تونۇپ يەتتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان شەھەر ئاھالىسى جوۋ رۇڭرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى، بىز ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن چوقۇم ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، يېشىل يۇرت ـ ماكاننى قوغداش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن».
كېيىنكى قەدەمدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە «بەشكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى ۋە قانۇن ـ نىزاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ، «ھەممە كىشى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىدىغان» قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.