تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» چارۋىچىلىقتا كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

ھازىر، بىر يان تېلېفون ئارقىلىقلا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىستېمالچىلارنى «قوي ئىگىسى»گە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى كۇرمىش كەنتىدە، «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئىجادىي ئەندىزىسى رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسىگە تايىنىپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق ئۈچۈن يېپيېڭى بىر تەرەققىيات يولى ئاچتى.

3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، كۇرمىش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى، كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ يىللىق «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش»نى بىرلىكتە كېڭىشىۋاتاتتى.

«ھازىر، كەنتىمىزدىكى قويلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالارغا يان تېلېفوندا بېقىشقا بېرىۋەتتۇق!» دېدى جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئالتاي ۋىلايەتلىك شۆبە بانكىسىنىڭ كۇرمىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى جوۋ كەي كۈلۈپ تۇرۇپ. ئەسلىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئىجادىي يولغا قويغان «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدىن بولغانىدى. ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىنى يېنىك بىر چەكسىلا، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىستېمالچىلار كۆڭلىدىكىدەك قوزىنى تاللاپ، قويلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئورگانىك ئۇسۇلدا ۋاكالىتەن باقتۇرىدىغان «قوي ئىگىسى»گە ئايلىنالايدۇ. كېيىنكى ۋاكالىتەن بېقىش خىزمىتىگە شۇ جايدىكى تەجرىبىسى مول چارۋىچىلار مەسئۇل بولىدۇ. ئىستېمالچىلار يان تېلېفون ئارقىلىق قوينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرەلەيدۇ، باقمىچىلىق بويىچە پۈتۈن جەريانلىق مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

جوۋ كەينىڭ كۇرمىش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى بولغىنىغا سەككىز يىل بولدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ شىنجاڭ نۇڭتوۋ لىشىن ئاقىل پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن توردا قوي تاللاپ ۋاكالىتەن بېقىش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئىگىلىدى، ئۇ ئۆتكۈر بازار كۆزىتىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، بۇنىڭدىكى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى.

«ئالتاي قويىنىڭ گۆشى مەززىلىك، بىراق ئىلگىرى سېتىش يوللىرى ئاز بولغاچقا، باھاسى ئىزچىل ئۆرلىمىگەنىدى. ھازىر بۇ شىركەت قۇرغان سۇپا ئارقىلىق، چارۋىچىلار ۋاكالىتەن بېقىشقا مەسئۇل بولدى، ھەم بازارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قوي گۆشىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق، ھەم چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي ئاشۇردۇق» دېدى جوۋ كەي.

كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 2024 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، كۇرمىش كەنتى «نەرسە تورىدا ھەر ۋاقىت مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش + كۆرۈنمە ئىز قوغلاش + مەدەنىيەت ـ ساياھەت + بىۋاسىتە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت ۋاكالىتەن بېقىش بويىچە ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى رەسمىي يولغا قويدى. قويلارغا نەرسە تورى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى تاقالدى ھەم ھەر ۋاقىت مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىغا ئۇلاندى، ئىستېمالچىلار مەيلى قايسى ۋاقىتتا، قەيەردە بولسۇن، قويلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى بەش قولدەك بىلەلەيدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ زاكازلىق سېتىۋېلىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، يان تېلېفون تېرمىنالىدا ھەر ۋاقىت يىراق مۇساپىلىك زاكاز چۈشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا قويلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، يەنە ئۆزى ئورگانىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، نەق مەيداندا كۆڭلىدىكىدەك قوينى تاللاپ، ئاندىن سىستېمىغا باغلاپ، كېيىنكى كۈنلەردە سىجىل دىققەت قىلىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. سېتىۋالغاندىن كېيىن، چارۋىچىلار كۆڭۈل قويۇپ باقىدۇ، ئالتە ئاي كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغاندىن كېيىن، بۇ قويلار قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغان سويۇش، كىسلاتاسىزلاشتۇرۇش، پارچىلاش، تېز توڭلىتىش، سوغۇق ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش قاتارلىق تەرتىپلەرگە كىرىدۇ، ئاخىرىدا يېڭى، مەززىلىك قوي گۆشى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

جوۋ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر كەنتتىكى 1000دىن ئارتۇق قوي «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئۇسۇلىدا بېقىلىپ، ھەربىرى 950 يۈەندىن سېتىلدى، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەربىرى 100 نەچچە يۈەن قىممەت سېتىلىپ، 1000دىن ئارتۇق قويدىن 100 نەچچە مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىندى. چارۋىچى سابۇربېك قاباس خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ خىل چارۋا بېقىش ئۇسۇلى مودا بولۇپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاشتى».

شۇنداق بولۇپلا قالماي، «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» ئەندىزىسى يەنە شۇ جاي ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كەنت «بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش» سۇپىسىغا تايىنىپ، گۈزەل ئوتلاق مەنزىرىسى ۋە شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«<بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش> ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىل، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قابا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشىمىز» دېدى جوۋ كەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.