تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىمىز

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −

ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، چېن جياڭلىن

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەمەلىي» بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ـ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىن فىلىمى كۆرۈش ۋە شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، چۈشەنچىسى، تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇپ، پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشلامچى بولۇپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى ياخشى ئىشلىدى. ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئاساسىدا، ياچېيكا شۇجىسى مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەخسىي ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشىگە، تور ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكىلىك ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي تىپلار ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى ئىدىيە جەھەتتىن چېنىقتۇردى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، ئەينەن، بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتىنى سۆزلىدى، پەرقلەرنى تېپىپ چىقتى، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەسى، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، «ئىككى ئىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق گېئولوگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، ياش كادىرلار ئۆلچەم ۋە تەلەپكە توغرىلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈملۈك تۆمۈر قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياش كادىرلار جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەت، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاياللار، بالىلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى، سۆز ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئايدىڭلاشتۇرغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تىزىملىكى ۋە مەركەزلىك تۈزەش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بىلگەن ھامان تۈزەتتى، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەتتى. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن تۇتۇش قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئىستىلنى ياخشىلاش − ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش − ئۈنۈمنى ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت بەنزىسى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان تارماق، ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان تارماق، ئورۇنلار، ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ «كىچىك دائىرە»دىن باشلاپ قول سېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاساسىي قاتلامدا جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «مەكتەپ تامىقى» يېمەك ـ ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قارىتا، مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت قىلىشنى ھاۋالە قىلغان مەكتەپلەرنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى تەدرىجىي قايتۇرۇۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش + مۇلازىمەتنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش» تىجارەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈش، قورۇما تىزىملىكى تۈزۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇپ تىزگىنلىدى، سىرتتىن مۇلازىمەت تەكلىپ قىلىپ قورۇما قورۇش، ئاساسىي يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، تاماق تەقسىملەش ـ تازىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل قىلىپ، «مەنبە + جەريان + نەتىجە» بويىچە پۈتۈن جەريانلىق تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىسمەن مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سىرتقا ھۆددىگە بېرىپ تىجارەت قىلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن تۈزەپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنى بالىلارنىڭ تامىقى ئۈچۈن سەرپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قاراماي دوختۇرخانىسى (شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا) پارتىيە كومىتېتى مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزەتتى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان ياشانغانلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، كۆپ بۆلۈمنى ھەمتۈرتكە بولۇشقا تەشكىللەپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ غەمخورلۇق قىلىش بويىچە ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى تورغا چىقاردى ھەم دوختۇرخانىنىڭ ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا «كۆيۈنۈش نۇسخىسى»دىكى كۆرۈنمە يۈزنى ئېچىپ، «ئىنتايىن ئاددىي مەشغۇلات + دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ خەت» يۇمشاق ماتېرىيال سىستېمىسى ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش چۈشەنچىسىنى ئۆستۈردى.

تولى ناھىيەسى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ـ تۈگىتىش جەريانىدا ئەرزنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلماسلىق، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈزۈل ـ كېسىل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئەمەلىي ئىشلەپ بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىش يىلى» باش تېمىلىق پائالىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، «كۆپ مەركەز بىرلىشىش، بىر پونكىت شەكلىدە ماجىرانى ھەل قىلىش» يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بىرلىشىپ ئەرز قوبۇل قىلىش + كۆپ خىل شەكىلدە مۇرەسسە قىلىش + ئەدلىيەلىك بېكىتىش» يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارغا قارىتا «بىر پونكىت شەكلىدە مۇلازىمەت قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئەسلىدىكى ئەدلىيە ئىدارىسى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت مەركىزى ئاساسىدا تولى ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قۇرۇپ، 11 مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.