تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەددىچىن سېپىلى قۇربان تاغىنىڭ يۇرتىغا «كۆچۈپ» كەلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى مۇغاللا بازىرى دوستلۇق كەنتىدە، سەددىچىن سېپىلى سىزىلغان تام كەنت ئاھالىلىرىنى بەس ـ بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. تامدا ئەگرى ـ بۈگرى سوزۇلغان سەددىچىن سېپىلى ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.

كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى روزى ھېلىم تامدىكى رەسىم سىزىقچىلىرىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن بېيجىڭغا بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ تامنى سىلاپ تۇرۇپ خۇددى راستتىنلا بېيجىڭغا بېرىپ سەددىچىن سېپىلىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم».

«ئىلگىرى سەددىچىن سېپىلىنى پەقەت تېلېۋىزوردىلا كۆرگەنىدىم، ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» كەنت ئاھالىسى بارات ئوسمان قولىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قويۇپ، يول بويى يۈگۈرگىنىچە «سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەقى ـ تۇرقىنى رۇسلاپ مەردانە قىياپەتتە بىر پارچە ئالاھىدە سۈرەتكە چۈشتى.

«بۇ مەن سىزغان تۆتىنچى پارچە سەددىچىن سېپىلى تام رەسىمى.» مۇغاللا بازىرىنىڭ كادىرى ئوسمانجان مەتقۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 5 ـ ئايدا، سەددىچىن سېپىلى باش تېما قىلىنغان تام رەسىمى ئىجادىيىتىنى باشلىغانىدىم، ئالدىنقى ئۈچ پارچە رەسىمنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ، قۇربان تۇلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى، كېرىيە ناھىيەسى CEC ئۈمىد مەكتىپى ۋە قوشنام مەتتۇرسۇن رەجەپنىڭ ھويلا تېمىغا سىزدىم.

كېرىيە ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان كىچىك ناھىيە بولۇپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ يۇرتى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدىن باشلاپ، قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە بۇ جايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كەلدى، ئۇنىڭدا يەنە كېرىيە ناھىيەسىدىكى پۇقرالارنىڭ بېيجىڭغا بولغان ئالاھىدە چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە تەلپۈنۈشى بار.

«ئەگەر بادالىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ئىشىكىمىز ئالدىغا <كۆچۈرۈپ> كەلگىلى بولغان بولسا، كۆپچىلىك چوقۇم ناھايىتى خۇشال بولاتتى.» ئىلگىرى كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئوسمانجان كېرىيە ناھىيەسى مۇغاللا بازارلىق ھۆكۈمەتكە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، رەسساملىق سەنئىتى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدى.

دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، بۇلتۇر 5 ـ ئايدا، ئوسمانجان قۇربان تۇلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 140 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تېمىغا سەددىچىن سېپىلىنى قولدا سىزدى.

«ئۇ مېنىڭ قەلبىمدىكى سەددىچىن سېپىلىغا ئوخشاش بولۇپ، غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدىكەن، قىياپىتى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.» مەكتەپ ھويلىسىدىكى «سەددىچىن سېپىلى»نى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، قۇربان تۇلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 8 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى ماھىنۇر ياسىن ناھايىتى ھەيران قالدى.

ماھىنۇر مۇنداق دېدى: مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم ھەممىمىز مەكتەپتىكى «سەددىچىن سېپىلى»نى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز، دائىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن «سەددىچىن سېپىلى» ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆگىنىش توغرىسىدا ئىزدىنىمىز، ئارزۇيىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز.

سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم سىمۋولى. «مەكتىپىمىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى قاتارلىق چوڭ ـ كىچىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى <سەددىچىن سېپىلى> ئالدىدا ئۆتكۈزىدۇ. سەددىچىن سېپىلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن» دېدى قۇربان تۇلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ئەخلاق تەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ياسىن مەتتۇرسۇن.

مۇغاللا بازىرى دوستلۇق كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، مۇخبىر قىزىل گالىستۇك تاقىغان 20 نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سەددىچىن سېپىلى سىزىلغان تامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ دىققەتتە تىك تۇرۇپ، ئېكرانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، كۆزلىرىدىن كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرى چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى... ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «سەددىچىن سېپىلى» قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.