چېن ۋېنچىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ـ قانۇن ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.
چېن ۋېنچىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئالاقىدار سىياسىي ـ قانۇن ئورۇنلىرى، كەسىپلەر باغچە رايونلىرى، تېرىقچىلىق بازىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ـ تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى تۇپرىقىنى كۈچلۈك يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاساس سالدى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قاتتىق جازالاشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو ـ ۋەقەسى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۇپرىقىنى قانۇن بويىچە يوقىتىپ، «تېررورلۇق»لا بولىدىكەن جەزمەن زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار كىشىلەر توپىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قەلبنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە ـ تىزگىنلەش «پولات ئىستىھكامى»نى مۇستەھكەملەپ، چېگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قايتا ئېقىپ كىرىشى، سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قەتئىي توسۇش كېرەك. جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
چېن ۋېنچىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەش، شىنجاڭ ئىچى بىلەن شىنجاڭ سىرتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى تۈگىتىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن ۋېنچىڭ بىرىنچى سەپتىكى كادىر ـ ساقچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى تاۋلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.