شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ لىدىرى چېن بوۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي چېن بوۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ـ تايلاند دوستلۇقىغا مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە دۆلىتىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگو ـ تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى روشەن، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاچتۇق. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كەيتەي بانكىسى ۋە تايلاندتىكى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن بوۋېن مۇنداق بىلدۈردى: تايلاند ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەيتەي بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە يېڭى پۇرسەتكە يۈزلەندى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ دەرۋازىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور. كەيتەي بانكىسى شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تايلاند ـ جۇڭگو سودىسىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق رايون بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈشۈشكە قاتناشقان بىر قىسىم تايلاند كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن ۋېيجۈن، جىن جىجېن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.