تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان ياخشى قوشنا، تەقدىرداش ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولدى، سەمىمىي ھەمكارلاشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، بىر ـ بىرىمىزنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ياخشى مېڭىپ، رايون ۋە يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى مۇھىم كۈچ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە. مەن جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ ئۈلگىسى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۆرنىكىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

پرابوۋو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، مەن ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھىندونېزىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن. ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ئۈستى، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «بەش چوڭ تۈۋرۈك» ھەمكارلىقى سىجىل، تېز ئالغا سىلجىتىلدى. مەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.