مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان ھەم خىزمەت ئورنىدىن چېكىنگەن ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مائاش كىرىمى زىيىنىنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىشتا يارىلانسىلا، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئالغىلى بولامدۇ؟
ئۇنداق ئەمەس، كونكرېت باھالاش ۋە دەرىجىسىگە قاراش كېرەك.
«ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن
مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
1
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغانلىرىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنىپ، ئىش ئورنىدىن چېكىندۈرۈلىدۇ، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن ئايمۇئاي بېرىلىدۇ.
كونكرېت ئۆلچىمى:1-دەرىجىلىك مېيىپلىككە مائاشىنىڭ %90ى، 2-دەرىجىلىك مېيىپلىككە مائاشىنىڭ %85ى، 3-دەرىجىلىك مېيىپلىككە مائاشىنىڭ %80ى، 4-دەرىجىلىك مېيىپلىككە مائاشىنىڭ %75ى بېرىلىدۇ.مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
ئىشتا يارىلانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيە يېشىغا توشقان ھەم پېنسىيە رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى تارقىتىش توختىتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچى ئۆزى مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى تۈپ سان قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ.
2
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، 5-، 6-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغانلىرىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولغانلىرىغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايمۇ ئاي مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى تارقىتىپ بېرىدۇ.
كونكرېت ئۆلچىمى:5-دەرىجىلىك مېيىپ بولسا مائاشىنىڭ %70ى، 6-دەرىجىلىك مېيىپ بولسا مائاشىنىڭ %60ى بويىچە بېرىلىدۇ ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە شۇ كىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرىدۇ.مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئەمەلىي سوممىسى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، كەم قىسمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تولۇقلاپ بېرىدۇ.