
ئۆسەك سۆز: كۆك نۇر قەلىمى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قەلىمى بىلەن كۆكتاتلارنى يورۇتساقلا، ئەگەر كۆكتاتلارنىڭ يۈزىدە كۆك نۇر پەيدا بولسا، كۆكتاتلاردا دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ كۆپرەك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغ نۇرىدا كۆكتاتلاردا كۆك رەڭلىك يالتىراق نۇر چاقنايدىغان-چاقنىمايدىغانلىقىنى كۆكتات، مېۋىلەردە دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولمايدۇ.
بەزى توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىلىرىدا سېتىلىدىغان كۆك نۇر قەلىمىنىڭ پىرىنسىپى ئالاھىدە دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى كۆك نۇرنى تارقىتىش ئارقىلىق كۆكتات تەركىبىدىكى ماددىلار بىلەن «دىيالوگ»لىشىش ئارقىلىق ئاتالمىش تەكشۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ يالتىراق نۇر تارقىتىدىغان ئالاھىدىلىكى بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا، مېۋە-كۆكتاتلاردا ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغنىڭ يورۇقىدا چاقنىغان كۆك رەڭلىك يالتىراق نۇر پەقەت كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ساقلاش جەريانىدا ھاسىل بولغان بەزى يالتىراق نۇر ماددىلىرىدۇر، مەسىلەن، كوئۇمارىن تۇغۇندى ماددىلىرى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا، يالتىراق نۇر ماددىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى كۆكتاتنىڭ يېڭىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كۆكتات قانچە يېڭى بولسا يالتىراق نۇر شۇنچە ئاز بولىدۇ، ۋاقتى قانچە كونا بولسا يالتىراق نۇر شۇنچە روشەن بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىلا ئەمەس، قەغەز، كىيىم-كېچەك، تام، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلاردىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغنىڭ يورۇقىدا يالتىراق نۇر دېغى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، ئىشەنچلىك مېۋە-كۆكتات قالدۇقلىرىنى تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى بولۇپ قالدى. ئەۋرىشكىنى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن يان تېلېفوندا ساۋما قىلىش ئارقىلىق 5 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە 6 خىلدىن 18 خىلغىچە خەتىرى يۇقىرى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، تېز تەكشۈرۈش تېخنىكىسى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا كىرگۈزۈلدى، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، بازار نازارەت قىلىش-ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي جازا بېرىشتىكى مۇھىم دەلىل-ئىسپات ئېلىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.