ئۆسەك سۆز: ئوغۇل بوۋاققا ئۇزاق مەزگىل قەغەز زاكا ئىشلەتسە، ئۇرۇقداننى قىزىتىپ كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن بالىلىق بولالمايدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال: بىرىنچى، بۇ قاراشتىكى «ئىلمىي ئاساس» پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. «قەغەز زاكا ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ» دېگەن بۇ گەپتە مۇنداق بىر ھالقىلىق پاكىتقا قەستەن سەل قارالغان: بوۋاقنىڭ ئۇرۇقدىنى تېخى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىمىغان، ھەقىقىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى قۇرامىغا يېتىش مەزگىلى(تەخمىنەن 12 ياشتىن كېيىن)دە بولىدۇ، شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇقدان تېمپېراتۇرىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەن گەپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئاتالمىش «ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىسە ھەقىقەتەن ئىسپېرمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن يەكۈن كۆپىنچە قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرگە قارىتىلغان تەتقىقاتتىن كەلگەن بولۇپ، بوۋاقلارغا تەتبىقلاش مۇۋاپىق ئەمەس.
ئىككىنچى، قەغەز زاكىنىڭ تېمپېراتۇرا تەسىرى يوق دېيەرلىك، قەغەز زاكىنى ئىشلەتكەندە ئۇرۇقدان خالتىسى ئەتراپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 1 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىشى مۇمكىن. ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا، بوۋاق سىيىپ قويغاندىن كېيىن، قەغەز زاكىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈش قەۋىتى تېز سۈرئەتتە نەم ھاۋانى چىقىرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئىككى-ئۈچ سائەتتە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا زىيان قىلغۇدەك دەرىجىدىمۇ ئەمەس.
ئاساسى بولمىغان «قەغەز زاكا زىيىنى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوغۇل بالىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەقىقىي ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك بولغىنى تۆۋەندىكىلەر: 1. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇرۇقدان ئۇرۇقدان خالتىسىغا چۈشمەي قالغان بولسا (يوشۇرۇن ئۇرۇقدان كېسىلى) ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك؛ 2. يېتىلىش مەزگىلىدە ئۇزاق مەزگىل ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق مۇسابىقىسى ئورۇندۇقىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تۇرۇش؛ 3. ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى، پىلاستىكلاشتۇرغۇچ قاتارلىق مۇھىت خىمىيەلىك توكسىنى بىلەن ئۇچرىشىش.