تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز بويىچە چات ئارىلىقى ئەڭ چوڭ لىم بىرىكمە قۇرۇلمىلىق يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى

   مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بېتون چىڭىتىش، مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋۇخەن-جيۇجياڭ تۆمۈريولى يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى خۇبېي شىركىتى قۇرۇلۇشنى باشقۇرغان، تۆمۈريول 1-تەتقىقات ئورنى تەكشۈرۈپ لايىھەلىگەن، جۇڭگو تۆمۈريول 11-ئىدارىسى قۇرۇلۇش قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان شىئەن-شىيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خەنجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي چات ئارىلىقى 420 مېتىر بولۇپ، خەنجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى چات ئارىلىقى ئەڭ چوڭ لىم بىرىكمە قۇرۇلمىلىق يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەتتە: خەنجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ  كۆۋرۈكى. (جۇڭگو تۆمۈريول 11-ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

   خەنجياڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرىنىڭ يۈنياڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىئەن-شىيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئومۇمىي لىنىيەسىدىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 917.45 مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە H شەكىللىك ئىككى ئاساسىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 186.5 مېتىر، پۈتۈن كۆۋرۈككە جەمئىي 80 جۈپ يانتۇ تارتىلغان ئارقان ئورنىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.