4-ئاينىڭ 9-كۈنى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ دەرياسى مەنزىرە يولى قويۇق باھار تۈسىگە چۆمگەنىدى، چېچەكلەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ، مەيىن شامال چىقىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسى نامايان بولدى. دەرەخ شاخلىرىدىكى مىچچىدە ئېچىلغان ھال رەڭ شاپتۇل چېچەكلىرى ۋە ئۆرۈك چېچەكلىرى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. ھەسەل ھەرىلىرى توختىماستىن ئۇچۇپ يۈرۈپ، گۈللەر ئارىسىدىن شىرنە يىغاتتى. يۇمران تال چىۋىقلىرى سۇغا بوي سوزۇپ، شامالدا يېنىك تەۋرىنەتتى. يېڭى بىخلانغان شاخلاردا سېرىق تۇمشۇق تۇردۇس قۇشى قۇشقاچلار بىلەن سەكرىشىپ، بەزىدە دان ئىزدىسە، بەزىدە ۋىچىرلىشىپ، جىمجىت بىڭخۇ دەرياسىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.




قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، كىشىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلغاچ، بەزىدە قەدىمىنى توختىتىپ چېچەك سەيلىسى قىلسا، بەزىدە ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىپ، بۇ تېپىلغۇسىز جىمجىت مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىناتتى. مەيىن شامال، چېچەكلەرنىڭ ئېچىلىشى، قۇشلارنىڭ سەكرىشى، كىشىلەرنىڭ شادلىققا چۆمۈشى، ھەممىسى ۋاقىت سوۋغا قىلغان گۈزەل مەنزىرىدۇر.


