تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىستېمالچىلار سەمىگە: ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسىدا قاتمۇقات «توزاق» بار، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ

   ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش كارتىسى، بەدەن چېنىقتۇرۇش كارتىسى، ئاپتوموبىل يۇيۇش كارتىسى ... ھازىر ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش تەدرىجىي ھالدا كۈندىلىك ئىستېمالدىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلىنىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك، پارچە سېتىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

   سودىگەرلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىملىرى ئادىل سودا قىلسا، يەنە بىر قىسىملىرى مەنپەئەتنىلا كۆزلىگەنلىكتىن، تىجارەتنى توختىتىپ قويۇش، پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىش، ھەقنى تەستە قايتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ يۈزبېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. شۇڭا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا ئېھتىياتچان بولۇش، سودىگەرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش، سودىگەرلەردىن توختام ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىش، ئىلمىي، ئاقىلانە ئىستېمال قىلىش، ئىستېمال ئىسپاتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئەسكەرتتى.

   1. سودىگەرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك. ئىستېمالچىلار ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلىدە ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، سودىگەرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى، سودىگەرلەرنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئۇچۇرلىرى، جۈملىدىن تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ نامى، ئەنگە ئالدۇرغان ئادرېسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سودىگەرلەرنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىمكانقەدەر سالاھىيىتى تولۇق، ئىناۋىتى بىرقەدەر ياخشى تىجارەتچىلەرنى تاللىشى كېرەك.

   2. سودىگەرلەردىن توختام ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دا ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلىدىكى تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلار بىلەن يازما توختام تۈزۈپ، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، مال پۇلى ياكى خىراجەت، ئالدىن چىقىم قىلىنغان پۇلنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئىستېمالچىلار ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلىدىكى ئىستېمالدا، تىجارەتچىنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسىگە ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكى، رەسمىي توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى، توختام ماددىلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇشى، بولۇپمۇ، توختامدا تاپشۇرۇۋالغان پۇلنى قايتۇرماسلىق، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئىناۋەتسىز بولۇش، كارتا يىتىپ كەتسە تولۇقلاپ بەرمەسلىك قاتارلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك پۈتۈملەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشى، نامۇۋاپىق نۇقتىلارنى بايقىغان ھامان سودىگەر بىلەن كېڭىشىپ تۈزىتىشى كېرەك.

   3. ئىلمىي، ئاقىلانە ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئالدىن تۆلىنىدىغان ئىستېمال سوممىسى قانچە كۆپ بولسا، ئىستېمال دەۋرىيلىكى شۇنچە ئۇزاق بولىدۇ، ئىستېمال خەتىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى بېجىرگەندە، ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ بار - يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈش، سودىگەرلەرنىڭ باھادا ئېتىبار بېرىش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىدىن ھاياجانلىنىپ ئالدىن چىقىم قىلىش ئىستېمال كارتىسى بېجىرمەسلىك، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىمكانقەدەر كۆپ سوممىلىق قىممەت تولۇقلاپ كارتا بېجىرىشتىن ساقلىنىش، بىر قېتىمدا تولۇقلانغان قىممەت بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

   4. ئىستېمال ئىسپاتىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك. ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسى بېجىرگەندە، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ نامى بىلەن توختام، ئاپپارات گۇۋاھنامىسىدىكى نامنىڭ بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شەخسىي ھېساباتقا يۆتكىمەسلىك كېرەك؛ ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلىدىكى تىجارەتچىلەردىن تالون، توختام، ھۆججەت، ھەر قېتىملىق ئىستېمالغا كارتا سۈركەش خاتىرىسى قاتارلىق ئىستېمالغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلىش ۋە ساقلاپ قويۇش، پاراڭلىشىش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇش كېرەك. ھەر قېتىم ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئىشلەتكەن مەھسۇلات ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەت سوممىسىنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، كارتا ئىچىدىكى قالدۇق سوممىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك.بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى كەڭ ئىستېمالچىلارغا شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر ئىستېمال ماجىراسى يۈزبەرسە، دەلىل - ئىسپاتلارنى ساقلاپ قويۇپ، ۋاقتىدا مۇناسىپ كەسپىي مەسئۇل تارماقلارغا ئىنكاس قىلسا ياكى 12345 قىزىق لىنىيەگە تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.