4-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى ئىدارىسى بىرلىكتە «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا شارائىتى يار بېرىدىغان 3-دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، بالىلار دوختۇرخانىسى، جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىلدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى ئىدارىسى قارىمىقىدىكى(باشقۇرىدىغان)، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە قاراشلىق ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار، بالىلار دوختۇرخانىلىرى، جۇڭيى دوختۇرخانىلىرى 2025-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىشى ۋە تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان دوختۇرخانىلاردا، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي بايلىقىنى تەڭشەش-تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسىنى مەركەزلىك تەسىس قىلىپ، نىسبەتەن مۇقىم بولغان بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمى، روھىي-پىسخىكا بۆلۈمى، يۈرەك-قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈم-ئىشخانىلاردا دوختۇرلارنى كېسەل كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم كېسەل كۆرۈش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مەركىزى تەسىس قىلىشى، ئامبۇلاتورىيە ھەم ياتاقتا ياتقۇزۇپ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.
بىرىنچى، ئالدىن كېلىشىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، يۆتكەپ تونۇشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېھتىياجى بار بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولمىغان ئاممىنى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
ئىككىنچى، تۈرگە ئايرىپ مۇلازىمەت قىلىش-باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا خاس بولغان بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، كۆپ پەن تۈرى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ۋە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالاقىدار كەسپىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنى بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيە، كۆپ پەن تۈرى بويىچە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تۆتىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى تەشۋىق-تەربىيە، ئاغرىق زىيارىتى، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى-تۆۋەن يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بەشىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي خادىملارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئالتىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ مۇۋاپىق تۇرمۇش شەكلىنى قوللىنىپ ئارىلىشىشىغا ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
يەتتىنچى، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.
سەككىزىنچى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىلمىي باشقۇرۇش جەھەتتىكى ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
توققۇزىنچى، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، شارائىتى يار بېرىدىغان دوختۇرخانىلار ئالاقە تورى تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تاقايدىغان ئۈسكۈنە قاتارلىقلار ئارقىلىق زىيارەت قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ساغلاملىق يېتەكچىلىكى قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى