تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ بۇ يول بۆلىكىدە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى يىڭبىن يولىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولى سەنپىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى باغلىما يولدا يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكى ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولى سەنپىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى باغلىما يول بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-سانجى يۆنىلىشىدىكى سەنپىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى كىرىش ئېغىزىدىكى باغلىما يول تاقىلىدىكەن، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سانجىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىرسە بولىدىكەن.

4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-سانجى يۆنىلىشىدىكى سەنپىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى چىقىش ئېغىزىدىكى باغلىما يول تاقىلىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، 12-شى شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ، ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىدىن ئايلىنىپ ئۆتسە بولىدىكەن.

5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، سانجى-ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدىكى سەنپىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى باغلىما يول تاقىلىدىكەن، سانجىدىن سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئارقىلىق ئايلىنىپ چىقسا بولىدىكەن، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللار 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۈرۈمچى-سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىرسە بولىدىكەن.

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: شوپۇر دوستلار لىنىيەنى ياخشى پىلانلاپ، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان لىنىيەنى ئالدىن پىششىق ئىگىلىشى، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكىدىكى بەلگە تاختىسىغا ياخشى قاراپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقى، تارقاقلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئەگەر قاتناشتا ئۆزگىرىش بولسا، نەق مەيداندىكى ئەمەلىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى، قاتناش بەلگە تاختىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.